گوللاندىيەدە بۈگۈن «كىرىزىسكە سەۋەب بولغان سايلام»ئۆتكۈزۈلىدۇ

گوللاندىيەدە بۈگۈن گوللاندىيە-تۈركىيە كىرىزىسىگە سەۋەب بولغان سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.

691569
گوللاندىيەدە  بۈگۈن «كىرىزىسكە سەۋەب بولغان سايلام»ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدە بۈگۈن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيە-گوللاندىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىسلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغان بۇ قېتىمقى سايلام،ئىرقچىلىق باش كۆتۈرگەن مۇھىتتا ئۆتكۈزلىدۇ.  

سايلامدا ئاۋاز بېلەتلەرنىڭ يۆنىلىشىنى ئىقتىساد ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسى بەلگىلەيدۇ.

ئەل رايى تەكشۈرۈشلىرىدە باش مىنىستىر مارك رۇت رەھبەرلىگىدىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن خەلق پارتىيەسىنىڭ ئاز پەرق بىلەن ئالدىدا ئىكەنلىكى، باش مىنىستىر مارك رۇتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى بولغان ئىسلام ۋە تۈركىيە دۈشمىنى گېرت ۋىلدېرس  بولسا بىر نومۇر پەرق بىلەن كەينىدە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ نەتىجىسى گوللاندىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كېلەچىكى بىلەن ئىرقچىلىقنىڭ كۈچىيىپ كۈچەيمەيدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

سىياسىي ئورنىنى ئىرقچىلىق ۋە مۇسۇلمان دۈشمەنلىكى بىلەن تىكلىگەن ۋىلدېرس، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر