ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىرلار توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلار توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى توغرىسىدا

685424
ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىرلار توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇلتۇر 18-مارتتا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ روھىي بويىچە ئىش تۇتمىغانلىقى ئۆزلىرى تەييارلىغان دوكلاتتا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. 72 مىڭ سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلىشقا ۋەدە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاران 3565 سۈرىيەلىك قوبۇل قىلىنىپ ماكانلاشتۇرۇلدى.

بىريۇسسېل

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن مۇساپىرلار كىرىزىسى توغرۇلۇق ھاسىل قىلغان كېلىشمدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئۆزلىرى تەييارلىغان  دوكلاتتا ئاشكارىلىنىپ قالدى.

ياۋروپا ئىتىتپاقى كومىتېتى « 18-مارت تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىرلار كېلىشىمىنى تەدبىق قىلىش» توغرۇلۇق بەشىنچى دوكلاتنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 21-مارتتىن باشلاپ تۈركىيەدىن گىرېتسىيەگە كەتكەن مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىم تۈرتكىسىدە، ھەر كۈنى ياۋروپاغا قانۇنسىز ماڭىدىغان ئوتتۇرىچە 3000 مۇساپىرنىڭ سانى 43 مۇساپىرغا چۈشكەن.

كېلىشىمدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى دەسلەپ 18مىڭ، ئارقىدىن ۋەزىيەتكە ئاساسەن قوشۇمچە 54مىڭ مۇساپىر بولۇپ جەمئىي 72 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنسىز كۆچ ھادىسىسى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقاندا ياكى ھېچ بولمىغاندا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئازايغاندا «خالىسانە ئىنسانىي قوبۇل پىروگراممىسى»نىڭ تەدبىق قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەدە بەرگەن ساننىڭ ئاران %4.9نى قوبۇل قىلدى

ئاخىرقى قېتىم ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىن 72مىڭ ئورنىغا ئاران 3565 سۈرىيەلىك مۇساپىر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ماكانلاشتۇرۇلدى. كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۈركىيەگە قايتۇرۇلغان مۇساپىر سانى 1487 بولغان. مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا ھەر كۈنى مېڭىش جەھەتتە كۆرىنەرلىك ئازىيىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ۋەدە بېرىلگەننىڭ ئەكسىچە ئەزا دۆلەتلەر تۈركىيەدىن مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى مەزمۇن قىلغان خالىسانە ئىنسانىي قوبۇل پىروگراممىسىنى يولغا قويمىدى.

«تۈركىيەدىن مۇساپىر قوبۇل قىلىش سۈرئىتىنى ساقلاپ قېلىش»ئىبارىسى ئورۇن ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دوكلاتىدا «كېيىنكى قەدەملەر»ئىچىدە گىرېتسىيەدىن تۈركىيەگە مۇساپىرلارنى تېز سۈرئەتتە قايتۇرۋېتىش تەلەپ قىلىندى. بۇ ئەھۋال بىريۇسسېلنىڭ نېمىگە ئەھمىيەت بېرىپ نېمىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

3 مىليارد ياۋرونىڭ ئاران 750 مىليونى ئەۋەتىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەدە بېرىپ لېكىن ئادا قىلمىغان يەنە بىر ئىش بولسا، مۇساپىرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ئىدى. كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن  2016-2017 يىللىرىدا3 مىليارد ياۋرو، 2018-يىلىدا بولسا  يەنە 3 مىليارد ياۋرو بېرەتتى.

2-مارتقىچە «مۇساپىرلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە بېرىلگەن»ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ مىقدارى 2 مىليارد 200 مىليون ياۋرو ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بېرىلگەن پۇلنىڭ مىقدارى ئاران 750 مىليون ياۋرو بولدى. ئەلۋەتتە،  بۇ پۇلنىڭ 411 مىليون ياۋروسى بەزى ئىنسانىي ياردەم ئورگانلىرىغا بېرىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈرك ئورگانلىرىغا ئەۋەتكەن پۇلنىڭ مىقدارى ئاران 339 مىليون بولدى. بۇ مىقدار تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 6 يىلدا سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن سەرپ قىلغان 25 مىليارد دوللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئاران %2سىگە توغرا كېلىدۇ.

تاموژنا بىرلىكىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش

كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، تاموژنا بىرلىكىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش مۇزاكىلىرىنى 2016-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە باشلاش لازىم بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە مۇزاكىرىلەردىن خەۋەر بولمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇزاكىرىلەرنى باشلاش ئۈچۈن 2016-يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن رۇخسەت تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەزا دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى مۇزاكىرە تېمىلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرمىدى

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىدە 23-ماددا بولغان سوت ۋە ئاساسلىق ھەق-ھوقۇقلار بىلەن 24-ماددىسى بولغان ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە خەۋپسىزلىك تېمىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغىچە تۈگىتىپ بولالمىدى.

ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىش مۇساپىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل بولمايۋاتىدۇ

كېلىشىمدىكى «2016-يىلى ئىيۇلنىڭ ئاخىرغىچە ۋىزىلەرنى بىكار قىلىش»قا مۇناسىۋەتلىك ماددىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل بولمىدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەنقەرە 72 شەرت ئىچىدىن 7 سىنى ئادا قىلالمىغان بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلچەملىرىگە ماس كېلىدىغان بىئومېترىك پاسپورت بېجىرىش، چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش، ياۋروپا ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئورنىتىش، تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە پىرىنسىپلارنى ياۋروپا ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن تۇرغۇزۇش، شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ياۋروپا ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىش، جىنايىي قىلمىشلارغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماددىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت.

ئەنقەرە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان شەرتنىڭ تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا بىر تەرەپ قىلىنىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. بىريۇسسېل بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككى تەرەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ماددا روياپقا چىقمىدى.

تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش

كېلىشىمدە «تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى»ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، بىريۇسسېل تۈركىيەنى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەردە قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن، پ ك ك  ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشلەر دائىرىسىدە ئالغان تەدبىرلەر سەۋەبىدىن تۈركىيەنى تەنقىدلەپ كەلمەكتە.

دوكلاتتا بۇ ماددا توغرۇلۇق تەپسىلىي ئانالىزلارغا ئورۇن ئاجرىتىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر