ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتىمۇ ئېلىخەت مەسىلىسىگە چېتىلدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ ئىندىيانا ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە رەسمىي ئالاقىلەر ئۈچۈن خۇسۇسىي ئېلىخەت ئادرېسىنى قوللانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

684223
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتىمۇ ئېلىخەت مەسىلىسىگە چېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئىندىياناپولىس ستار» گېزىتى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسنىڭ رەسمىي ئالاقىلەردە خۇسۇسىي ئېلىخەت ئادرېسىنى قوللانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ۋالىيلىق ئىشخانىسى بۇ ھەقتىكى قاراشلارنى ئېتىراپ قىلغان.

ۋالىيلىق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، مايك پېنس بۇرۇنقى ۋالىيلارغا ئوخشاش، رەسمىي ئالاقىلىرىدە، خۇسۇسىي ئېلىخەت ئادرېسى بىلەن رەسمىي ئېلىخەت ئادرېسىنى تەڭ ئىشلەتكەن.

باياناتتا، بۇنىڭ ئىندىيانا ئىشتاتىنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ۋە پېنسنىڭ خۇسۇسىي ۋە رەسمىي ئېلىخەت ئادرېسى ئارقىلىق قىلغان ئالاقىلىرىنىڭ ئىشتات تەرىپىدىن ئارخىپلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىراق، «ئىندىياناپولىس ستار» گېزىتى ئۆتكەن يىلى (2016) يازدا مايك پېنسنىڭ خۇسۇسىي ئېلىخەت ئادرېسىنىڭ خاككېرلەنگەنلىكىنى، شۇڭا بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر ئالاقىلەرنىڭ ئوغرىلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر