تالىبان بىلەن ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى

رەھمەتۇللاھ تۈركىستانى، تالىبان ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ جۈزجان ۋىلايىتىنىڭ دەرزاب ناھىيەسىگە قاراشلىق سەردەرە رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

681754
تالىبان بىلەن ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىبان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 19 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

جۈزجان ساقچى ئىدارىسى باشلىقى رەھمەتۇللاھ تۈركىستانى، تالىبان ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ جۈزجان ۋىلايىتىنىڭ دەرزاب ناھىيەسىگە قاراشلىق سەردەرە رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدىن كېيىن تالىبان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تالىبان ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، توقۇنۇشتا 19 تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىستانى يەنە، توقۇنۇشتا بىرى ئۆزبېكىستان پۇقراسى بولۇپ جەمئىي 10 تېررورچى بىلەن بىر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رايونغا زاپاس قىسىم ئەۋەتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر