ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىران ھۆكۈمىتى يېڭى ئەۋلاد باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

680863
ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران جەنۇب تەرەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىردا يېڭى ئەۋلاد باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى ھۈسەيىن دەخكان، دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراننىڭ جەنۇبتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «ۋەلايەت 95»ناملىق ھەربىي مانېۋىر دائىرىسىدە يېڭى ئەۋلاد باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناق قىلىپ چىققانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىراندا ياسالغان ناسىر ناملىق بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا  قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن نىشانغا دەل تەگكەنلىكىنى ئېيتقان ئىرانلىق مىنىستىر، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىدى.

تۈنۈگۈن باشلىغان ھەربىي مانېۋىر ھۈرمۈز بوغۇزى، ئومان دېڭىزى ۋە ھىندى ئوكياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەدە چارشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا  سىناقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ يىل 3-فېۋرالدا بەزى ئىرانلىق شىركەت ۋە شەخسلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

تېھران ھاكىمىيىتىمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس سۈپىتىدە بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ تېررورىزىمنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر