ماككېين: ئامېرىكا ئەردوغاننىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىشى لازىم

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىنىڭ بىرى، ئارىزونا ئىشتاتى پالاتا ئەزاسى جون ماككېين ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

676600
ماككېين: ئامېرىكا ئەردوغاننىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىشى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىنىڭ بىرى، ئارىزونا ئىشتاتى پالاتا ئەزاسى جون ماككېين، دۆلىتىنىڭ دائېشنى تېز ۋە ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پالاتانىڭ قوراللىق خىزمەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقلىق خىزمىتىنىمۇ ئۆتەۋاتقان ماككېين، ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچرىشىشنىڭ قىزغىن ۋە ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ماككېين باياناتىدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، دائېشنى تېز ۋە ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇپ قىلىش، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ يامان تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ۋە رايوندا قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان بىر كۈچ مۇۋازىنىتى ئورنىتالىشى ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىم. بۇ دائىرىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۈرىيەدە بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش ۋە راققەنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى ئۈچۈن بىر تەكلىپ سۇندى. بۇ تەكلىپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىنىشى لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر