جەنۇبىي سۇداندا قەھەتچىلىك تۈپەيلى نۇرغۇن كىشى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرماقتا

جەنۇبىي سۇداننىڭ بەزى رايونلىرىدا باش كۆتۈرگەن قەھەتچىلىك تۈپەيلى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈم گىردابىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

676841
جەنۇبىي سۇداندا قەھەتچىلىك تۈپەيلى نۇرغۇن كىشى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە قاراشلىق 3 ياردەم ئورگىنى، جەنۇبىي سۇداننىڭ بەزى رايونلىرىدا ئۇرۇش سەۋەبىدىن قەھەتچىلىك يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 100مىڭدەك كىشى قەھەتچىلىكنىڭ بىۋاستە خەتىرى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ناۋادا تەدبىر ئېلىنمىغان تەقدىردە 5 مىليون كىشى ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

دۇنيا ئوزۇق-تۈلۈك پىروگراممىسى، ب د ت بالىلارغا ياردەم فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئوزۇق-تۈلۈك ۋە يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتى قاتارلىق ب د ت غا تەۋە بۇ 3 ئورگان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنۇلار دېيىلدى: «قەھەتچىلىك يۈز بېرىشكە باشلىغانلىقىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر پالاكەت ھېسابلىنىدۇ.»

ب د ت بالىلارغا ياردەم فوندى جەمئىيىتى جەنۇبىي سۇدان باشلىقى جېرېمىي ھوپكىنسمۇ 250مىڭدىن ئارتۇق بالىغا ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ناۋادا بۇ بالىلارنى ئوزۇق-تۈلۈكلەر بىلەن جىددىي تەمىنلىمىگەن تەقدىردە كۆپىنچىسى ئۆلىدۇ.»

ئىلگىرىمۇ يەمەن، سومالى ۋە نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا قەھەتچىلىك يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، دۇنيادا 6 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر رايوندا قەھەتچىلىكنىڭ يۈز بەرگەنلىكى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

قەھەتچىلىكنىڭ سەۋەبلىرى ئارىسىدا ئۇرۇش سەۋەبىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە چارۋىلارنىڭ ئازىيىپ كېتىشى قاتارلىق ئورۇن ئالىدۇ.

ئۇرۇش سەۋەبىدىن جەنۇبىي سۇداندا ئون مىڭلارچە ئادەم ئۆلدى، 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر