دونالد ترامپنىڭ ۋەدىسىگە بىنائەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىش تېزلەشمەكتە

بەزى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە ئادۋوكاتلار چېگرادىن تېز قوغلاپ چىقىرىش بەلگىلىمىسىنىڭ گېرەكلىك ئەدلىيە رەسمىيەتلىرىنى تولۇقلىمايدىغانلىقى تۈپەيلىدىن كۆچمەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولماقتا.

676228
دونالد ترامپنىڭ ۋەدىسىگە بىنائەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىش تېزلەشمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رويخەتكە ئېلىنمىغان كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىشقا بەرگەن ۋەدىسى دائىرىسىدە، ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش رەسمىيەتلىرىنى تېزلاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ كۆچمەننى چېگرادىن تېز قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن تەكلىپ ھازىرلىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

«McClatchy» گېزىتى قولغا چۈشۈرگەن ۋە ئىچى بىخەتەرلىك مىنىستىرى جون كېللىي تەرىپىدىن ئىمزالانغان 2 ئىچكى ھۆججەتكە كۆرە، «چېگرادىن تېز قوغلاپ چىقىرىش» بەلگىلمىسىگە كىرگۈزىلىدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ھازىرقى مەۋجۇت بەلگىلىمىگە كۆرە، چېگرادىن 100 مىل ئىچكى تەرەپتە قولغا چۈشكەن ۋە ئامېرىكاغا كىرگىنىگە 14 كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن كىشىلەر تېز سۈرئەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ، سوت ئىشلىرى كۈتۈلمەستىن قوغلاپ چىقىرىلمىدۇ.

يېڭى بەلگىلىمە بولسا، بۇ 14 كۈنلۈك شەرتنىڭ 2 يىلغا چىقىرىلىشىنى ۋە چېگرا ئىچى مۇساپىسىنىڭمۇ ئۇزارتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش بىلەن مىڭىلغان قانۇنۇسىز كۆچمەننىڭ تېز سۈرئەت بىلەن چگرادىن قوغلاپ چىقىرىش بەلگىلىمىسى دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. 

جون كېللىي تەرىپىدىن ئىمزانلانغان ھۆججەتتە يەنە، كېچىك چېغىدىلا قانۇنسىز يوللار بىلەن يالغۇز ئامېرىكا كىرگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىرى كېيىن ئامېرىكىغا كىرگەن بولسا، ئۇنداق ئائىلىگىمۇ سوتتا داۋا ئېچىش پىلانلانماقتا. ھۆججەتتە بىلدۈرۈلىشىچە، يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرگەن 155 مىڭ ئۆسمۈر قولغا چۈشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ %60 تى دېگۈدەك كېيىنچە ئۆز ئائىلىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان. بۇ خىل ئائىلىلەر كىچىك بالىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشى ئۈچۈن ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە پۇل تۆلىگەنلىكى يۈزسىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. 

ئۆزى ئالدى بىلەن ئامېرىكىغا كېرىپ كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىرلەشكەن بۇ خىل ئۆسمۈرلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشتىن قوغداپ قالىدىغان قانۇن ماددىلىرىنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى پىلانلانماقتا.

باراك ئوباما ھۆكۈمىتى ئۆسمۈرلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى توسۇپ قالىدىغان قارارلارنى ماقۇللىغان ئىدى.

مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ جون كېللىي تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ ئالاقىدار ئورگانلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى، رەسمىي ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن تېخى ئاقساراينىڭ تەستىقىنى ئالمىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بەزى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە كۆچمەنلىك ئادۋوكاتلىرى چېگرادىن تېز قوغلاپ چىقىرىش بەلگىلىمىسىنىڭ گېرەكلىك ئەدلىيە رەسمىيەتلىرىنى تولۇقلىمايدىغانلىقى تۈپەيلىدىن كۆچمەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولماقتا.

پىرېزىدېنت دونالد تېرامپنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى كۈرەشكە دائىر قارارنامىلىرىدىن كېيىن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئورگانلىرى پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا نۇرغۇنلىغان جايلاردا بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈشلەردە بولغان ۋە مىڭىلغان كىشىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قاماققا ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر