تۈركىيە دائېشنىڭ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان پاكىستاندىكى قانلىق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

پاكىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سىند ئۆلكىسىدىكى بىر قەبرە بېشىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 70 ئادەم ئۆلدى، 150 ئادەم يارىلاندى.

674283
تۈركىيە دائېشنىڭ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان پاكىستاندىكى قانلىق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
dışişleri, kanada cami saldırı kınama.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىند ئۆلكىلىك ساقچى تارماقلىرى، سەھۋان شەرىف شەھىرىدىكى سوفى ئۆلىما لال شاھباز قەلەندەرنىڭ قەبرىسى بېشىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ئەسناسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى چودرى نىسار ئەلىخان بايانات بېرىپ، ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيەمۇ سىند ئۆلكىسىدىكى قەبرە بېشىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن قايتۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، «پاكىستاننىڭ خاتىرجەملىكى ۋە مۇقىملىقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا رەھمەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز؛ پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ دوست ۋە قېرىنداش پاكىستانغا تېررورىزمغا قارشى قەتئىي كۈرىشىدە قىلىۋاتقان ياردىمىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر