ياۋروپا پارلامېنتى ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەنىڭ سترازبۇرگ شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان يىغىنىنىڭ «غەربىي قىرغاق ۋەزىيىتى» ناملىق بۆلۈمىدە، ئىسرائىلىيەگە قارشى مۇھىم تەلەپ ۋە چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

672806
ياۋروپا پارلامېنتى ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەنىڭ سترازبۇرگ شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان يىغىنىنىڭ «غەربىي قىرغاق ۋەزىيىتى» ناملىق بۆلۈمىدە سۆز قىلغان ياۋروپا پارلامېنتى پارلامېنت ئەزالىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى يەھۇدىي كۆچمەنلەر تۇرالغۇلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش يولىدىكى قانۇن لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

قانۇنسىز سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە جازا بېرىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزالىرى، ئىككى دۆلەتلىك تىنچلىق نىشانىغا زىت پوزىتسىيەدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىمۇ تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتى پارلامېنت ئەزالىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي ئىشغالنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ قانۇنسىزلىقلارغا كۆز يۇمماسلىققا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر