خىتايدا قول تېلېفونىڭىز سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىشىڭىز مۇمكىن

خىتايدا بىر يولۇچىنىڭ ئايروپىلاندا قول تېلېفونىدا مۇزىكا تىڭشىغانلىقىمۇ بېشىغا بالا بولدى.

672755
خىتايدا قول تېلېفونىڭىز سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىشىڭىز مۇمكىن

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئاۋىئاتسىيە خەۋەرلىرى تورى ھەيران قالارلىق بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

خىتايدا قول تېلېفونىڭىز سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن، خىتايدا ئايروپىلاندا قولىڭىزدا تېلېفون كۆرۈلگەن ھامان قوشۇمىلار تۈرۈلىدۇ. ئەجىبا بۇ جىنايەتمۇ؟

شۇنداق، خىتايدا قول تېلېفۇنىنى ئايروپىلاندا ئىشلەتكەنلەرگە 5 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى ساقچىلار 5790 ياۋرو جەرىمانە قويىدۇ.

خىتاينىڭ ئاۋىئاتسىيە بەلگىلىمىلىرىگە كۆرە، ئۇچۇش جەريانىدا تېلېفون ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىش جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. ئايروپىلاندا چوقۇم تېلېفونلارنىڭ تاقىۋېتىلگەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

بۇنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلاپ قالماڭ! خىتاي ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئايروپىلاندا قول تېلېفونىنى ئىشلەتكەنلىكى تۈپەيلىدىنلا 3 يولۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جاڭ ئىسىملىك بىر ئايال يولۇچى 5–يانۋاردا بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىغا چۈشۈشى بىلەن تەڭلا 5 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا دۇچار بولدى. سەۋەبى؛ جاڭ ئىسىملىك ئايال يولۇچى ئايروپىلان كۆتۈرۈلۈش جەريانىدا قول تېلېفونىنى تاقىمىغان ۋە ئۇچۇش جەريانىدا تېلېفوننى ئىشلەتكەن.

ليۇ ئىسىملىك يەنە بىر يولۇچىمۇ 5–يانۋاردا جياڭشى ئۆلكىسىگە قاراشلىق نەنچاڭ شەھىرىدىن بېيجىڭغا ئۇچۇش جەريانىدا قول تېلېفونىنى ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىنلا 3 كۈنلۈك قاماقتا يېتىشقا مەجبۇر بولغان.

يەنە بىر يولۇچىنىڭ قول تېلېفونىدا مۇزىكا تىڭشىغانلىقىمۇ بېشىغا بالا بولغان. 

بۇنداق قاتتىق بەلگىلىمە خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردە يوق. خىتايدىكى ئايروپىلان يولۇچىلىرى بۇ خىل قاتمال بەلگىلىمىلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشىنى كۈتمەكتە.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر