خىتاي ئاپرېلدا بىر يۈك ئۇچار كېمىسى قويۇپ بېرىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا تىيەنجۇ-1 ناملىق ئۇچار كېمىسىنى قويۇپ بېرىدۇ.

671869
خىتاي ئاپرېلدا بىر يۈك ئۇچار كېمىسى قويۇپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ تۇنجى يۈك ئۇچار كېمىسى تىيەنجۇ-1 بۇ يىل ئاپرېلدا ئوربېتاغا قويۇپ بېرىلىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىيەنجىندە ياسالغان تىيەنجۇ- 1  ناملىق ئۇچار كېمىسى خەينەندىكى ۋىنچاڭ  مەركىزىگە يۆتكەپ كېلىنگەن.

خىتاي ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقى يۈك ئۇچار كېمىسىنىڭ بۇ جايدا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن ئاپرېلدا ئوربېتىغا قويۇپ بېرىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ يۈك ئۇچار كېمىسى 13 توننىلىق قوزغىلىش ئېغىرلىقىغا ۋە 6 توننىلىق يۈك توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

تىيەنجۇ-1 ناملىق ئۇچار كېمىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلغىچە ئوربېتىدا ئالەم قاتناش ئىستانسىسى قۇرۇش نىشانىغا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر