شىمالىي كورېيە سىناق قىلغان بومبىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

شىمالىي كورېيە، يەكشەنبە كۈنىدىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

671180
شىمالىي كورېيە سىناق قىلغان بومبىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – KCNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «پۇكگۇكسوڭ-2» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ «قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان ئوتتۇرا – ئۇزۇن مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا» ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، سىناقنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇننىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا قىلىنغانلىقى، قوشنا دۆلەتلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، يۇقىرى نۇقتىدىن قويۇپ بېرىلگەن «پۇكگۇكسوڭ-2» نىڭ يەنە ئۇرۇش ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

KCNA، كىم جوڭ ئۇننىڭ «دۆلەتنىڭ غايەت زور كۈچىگە كۈچ قوشقان» سىناققا «ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى» نى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ سىنىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر