پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ «ئۆيلەرنى چېقىش سىياسىتى»گە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئۆيلەرنى چېقىش سىياسىتى»گە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

670511
پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ «ئۆيلەرنى چېقىش سىياسىتى»گە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ئەرەبلەر ياشاۋاتقان رايونلاردا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئۆيلەرنى چېقىش سىياسىتى»گە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

قەلەنسەۋا خەلق كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن جەنىن، نابلۇس ۋە تۇلكەرەم شەھەرلەر كېسىشىدىغان ئەل-مۇسەللەس رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئىسرائىلىيە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان « ئۆيلەرنى چېقىش سىياسىتى» قاتتىق ئەيىبلەندى.

پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە زېمىن ۋە قونالغۇلارنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىنغان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆيلەرنى چېقىش قىلمىشلىرىغا قارشى شوئارلار توۋلانغان نامايىشتا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئەرەبلەرگە قاراتقان ئايرىمچىلىق پوزىتسىيەسىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىلدى.

قەلەنسەۋا خەلق كومىتېتى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ «رۇخسەتسىز»ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، قەلەنسەۋادا ياشاۋاتقان بىر پەلەستىنلىك ئائىلىگە تەۋە ئۆينى چېقىۋېتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشىدىن كېيىن خەلقنى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر