CİA ئارخىپلىرىدىكى PKK تېرورلۇق تەشكىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلار دىققەتنى تارتتى

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA ئارخىپلىرىدىكى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى خاراج توپلىغۇچى قۇرۇلمىسىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئالاھىدە دىققەتنى تارتتى.

667069
CİA ئارخىپلىرىدىكى PKK تېرورلۇق تەشكىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلار دىققەتنى تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA تەرىپىدىن مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنىپ جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلگەن ھۆججەتلەردە، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 1980- يىللاردىن تارتىپ خۇسۇسەن غەربىي ياۋروپادا تەشكىللىنىشكە باشلىغانلىقى، ياۋروپا ئەللىرىدە ياشايدىغان كوردلاردىن باج ۋە خاراج يىغقانلىقى، قارشى چىققۇچىلارنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

CİA تەرىپىدىن 1986 – يىلى تەييارلانغان دۇنيادىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە دائىر مۇھاكىمە دوكلاتىدىكى، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دائىر تەپسىلىي ئانالىزلار ئورۇن ئالغان بۆلۈم ئالاھىدە دىققەتنى تارتتى. دوكلاتتا، 1980 – يىلىدىن كېيىن PKK نىڭ سۈرىيەدىمۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى، يەنە شۇ مەزگىلدە غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ يېيىلىشقا باشلىغانلىقى، بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ۋە تېررورچى قولغا كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى تەكىتلەندى.

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ غەربىي ياۋروپادا تەشكىلاتلىنىشىنىڭ يەنە بىر مۇددىئاسىنىڭ بولسا، چەت ئەلدىكى تۈركىيە نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرنى بازا قىلىپ پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، كۆرىنەرلىك دەرىجىدە PKK ئەزاسىنىڭ ياۋروپادا بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلارنى «خائىن، جاسۇس، قاتىل ۋە كورد خەلقىنىڭ دۈشمىنى» دەپ ئاتايدىغانلىقى ۋە ئۆزىنى بۇ تۈردىكى ئۆكتىچىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەندى. شۇنداقلا، تەشكىلاتنىڭ كۆپ ساندىكى ئۆكتىچىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىمۇ دوكلاتتىن ئورۇن ئالدى.

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مالىيە قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئورۇن ئالغان دوكلاتنىڭ «ياردەم مەنبەلىرى» ماۋزۇلۇق بۆلۈمىدىكى، «PKK، سومكىلىرىنى ئاساسەن خاراج ئارقىلىق تولدۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەر  دىققەت تارتتى.

PKK، 1993 – يىلى گېرمانىيە تەرىپىدىن؛ 1997 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن؛ 2002  - يىلى كانادا تەرىپىدىن؛ 2005 – يىلى ئاۋسترالىيە تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا، 2001 – يىلى PKK نى رەسمىي ھالدا تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ ئېتىراپ قىلدى ۋە تەشكىلاتنىڭ پۈتكۈل پائالىيەتلىرىنى مەنئى قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر