ئافغانىستانلىق دىپلوماتىيە خادىمى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ئافغانىستانلىق بىر دىپلوماتىيە خادىمىغا سۇيىقەست قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

666280
ئافغانىستانلىق دىپلوماتىيە خادىمى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا بىر ئافغانىستانلىق دىپلوماتىيە خادىمى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

رويتېرس ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇسۇسىي ئامانلىقنى ساقلاش شىركىتىنىڭ بىر نەپەر خادىمى كاراچى شەھىرىدىكى ئافغانىستان كونسۇلخانىسىدا دىپلوماتىيە خادىمىغا سۇيىقەست قىلغان.

مەسئۇل ساقچى ئەمەلدارى ساقىب ئىسمائىل قولغا ئېلىنغان بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىمىنىڭ ئافغانىستانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جىنايەتنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر