«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە گېرمانىيەنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجىمىز بار»

باش مىنىستىر يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتى.

664489
«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە گېرمانىيەنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجىمىز بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر يىلدىرىم خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى.

يىلدىرىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۆرۈشۈشتە بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە گېرمانىيەنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجىمىز بار. تېررور پەقەت تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئۈچۈنلا ئەمەس. پۈتكۈل دۇنياغا نىسبەتەنمۇ ناھايتى زور بالايىئاپەتتۇر. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى رايوندىن تازىلاش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتىدۇر.»

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلمۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ناھايتى چوڭ يۈك ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ناھايتى ئوبدان بىلىمىز. دۆلىتىمىز  پ ك ك نى ئاللىقاچان تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قوبۇل قىلغان. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىمىز، جۈملىدىن بىز ھەمىشە تۈركىيە بىلەن بىللىمىز ھەمدە داۋاملىق قوللايمىز.»

باش مىنىستىر يىلدىرىم مېھمان باش مىنىستىرنىڭ شەرىپىگە كەچلىك تاماق زىياپىتى بەردى، زىياپەتكە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەيئەتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر