ياۋروپا ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 7 مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىغا قاراتقان ۋىزا چەكلىمىسى ياۋروپا پارلامېنتىدىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

664076
ياۋروپا ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان يىغىنىغا مېھمان سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ 7 دۆلەتكە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش قارارىنى ئەيىبلەپ، «بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم. ھېچكىمنى تۇغۇلغان ئورنى، دىنى ياكى ئېتنىك كېلىپ چىقىشىغا ئاساسەن ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ نۇقتا، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاساسىي قانۇنلىرىدا يېزىقلىق» دېدى.

موگېرىنى ترامپقا «ئۆز دۆلىتىدە بولۇۋاتقان ئىشلارغا دىققەت قىلىش» نى تەۋسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر