رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ بۈگۈن ئاخىرلىشىشى كۈتۈلمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ بۈگۈن ئاخىرلىشىشى كۈتۈلمەكتە.

662673
رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ بۈگۈن ئاخىرلىشىشى كۈتۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن 19 – دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش نىشان قىلىنغان مىنىسك كېلىشىمىگە رىئايە قىلمىغان دېگەن سەۋەب بىلەن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى 2017 – يىلى 31 – يانۋارغىچە ئۇزارتىش قارار قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا 15 – دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە قىرىمنى بېسىۋالدى دەپ ئەيىبلىسە، موسكۋا بۇ دەۋالارنى رەت قىلماقتا.

رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى 2014  - يىلى  1 - ئاۋغۇست  – كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارغا قارشى بۇ دۆلەتلەردىن كەلگەن بەزى يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر