ئاستانادىكى سۈرىيە مۇزاكىرلىرىنىڭ ئەھمىيىتى

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا 23-يانۋاردىن 24-يانۋارغىچە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەر توغرىسىدا...

660471
ئاستانادىكى سۈرىيە مۇزاكىرلىرىنىڭ ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا 23-يانۋاردىن 24-يانۋارغىچە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەر مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بىرىنچىسى،  بەش يىلدىن بۇيان سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان قوراللىق ئۆكتىچىلەر بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرۈشتى. لېكىن سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق بۇرۇن جەنۋەدە چاقىرىلغان يىغىنلارغا پەقەت سۈرىيەلىك سىياسىي ئۆكتىچىلارلا قاتناشقان بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە زىددىيەتلىك ھەرىكەت قىلغانىدى. ئىككىنچىسى، سۈرىيەدە تەرتىپ ۋە نىزام بەرپا بولۇش ئۈچۈن تىنچلىق تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ خېلى كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلدى، بۇ دائىرىدە تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدى،باشقا دۆلەتلەرمۇ قاراپ تۇرمىدى، بۇ ھەقىقەتەن يېڭىچە ۋە خوشاللىنارلىق ئەھۋال ئىدى. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغان سۈرىيە مەسىلىسى ئاستانادا مۇزاكىرىگە قويۇلدى،بۇ يەرشارى خاراكتېرلىك گىئوسىياسىي كۈچ تەڭپۇڭلىقىنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاستانادىكى مۇزاكىرىلەرگە سۈرىيەلىك تەرەپلەردىن باشقا تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراندىن سىرت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى، ئامېرىكا بولسا كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە ئورۇن ئالدى. ياۋروپا دۆلەتلىرى سۈرىيە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مۇزاكىرىلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە. سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە دۇنيانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى نەزەرگە ئالساق، سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ھازىرقىدەك باسقۇچقا كېلىشى چوڭ مۇۋەپپىقىيەتتۇر. بەش يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ 300مىڭ كىشىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈپ كېتىشىگە، مىليونلارچە كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ ئۆزگە يۇرتلارغا كۆچۈشىگە ۋە بىر دۆلەتنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئۇرۇش ناھايەت توختىتىلغان بولدى. ھەقىقەتەن بۇ ئىشنىڭ روياپقا چىقىشىدا تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. بۇلتۇر 15-دېكابىردا ھەلەبنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى بىلەن باشلىغان  سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەريانى 30-دېكابىردا سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن نەتىجىلىنىپ، ئاستانادا تىنچلىق ئۈمىدىنىڭ ئىشىكىنى قاققان ئىدى.

تۈركىيە ھەلەبتىكى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلاپ سىياسىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتلەردىن زور خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق سۈرىيەدە تىنچلىق بەرپا قىلىش نىيىتىنى تولۇق نامايەن قىلدى. بۇ ئىرادىسىنى بىر تەرەپتىن پ ك ك – پ ي د تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ نامايەن قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەل-بابتىكى ھەربىي قىسىملىرى بىلەن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئوچۇق بىلدۈردى.

ئاستانادا ئىككى كۈن داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق ئۈچ ھامىي دۆلەت خىتابنامە ئېلان قىلدى، خىتابنامىدە مۇنۇ خۇسۇسلار ئورۇن ئالىدۇ: بىرىچنىسى، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى. ئىككىنچىسى، سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ  پەقەت سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەنلا ھەل بولۇش توغرىسىدا بىردەكلىك. ئۈچىنچىسى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە نازارەت قىلىنىشى ئۈچۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ دۆلەت ئىچىدە ئۈچ تەرەپلىك مىخانىزما بەرپا قىلىش. تۆتىنچىسى، قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشىغا كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت.

قىسقىسى، سۈرىيەدە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ پايتەىتى ئاستانادا ئۇچراشقان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتش زېمىنىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۈچ تەرەپ مىخانىزمىسى شەكىللەندۈردى. يىغىننىڭ ئاخىرىدا «تەرەپلەر سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىرلىكى، مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا سادىق ئىكەنلىكلىرى»نى بىردەك ئېلان  قىلىشتى. بۇ ئەھۋال  سۈرىيەدە ئوباما ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ قوللاپ كېلىنىۋاتقان پ ك ك –پ ي د تەشكىلاتى ۋە دائېشقا ئوخشاش تەشكىلاتلارغا قارشى ئىكەنلىكلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاستانادا ھاسىل بولغان بۇ نەتىجىلەر دائىرىسىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا قىلىش ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن 8-فېۋرالدا جەنۋەدە قايتىدىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئاستانا مۇزاكىرىلىرى جەنۋە مۇزاكىرىلىرىگە سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا قىلىشقا زېمىن ھازىرلاپ بەردى. ئاستانادا تېرىلغان تىنچلىق ئۇرۇقلىرى جەنۋەدە مىۋە بېرىشى مۇمكىن. ئۈمىدنىڭ يوقلىقىغا ھازىرچە ھېچقانداق سەۋەب يوق. بۇنىڭغا ھازىرچە قارار بېرەلمەيمىز. ناۋادا جەنۋەدە سۈرىيە مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىلسا سۈرىيەدە 18 ئاي ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نازارىتىدە سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر