دائېش قوماندانى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارھار ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ مۇھىم بىر قوماندانى ئۆلتۈرۈلدى.

660957
دائېش قوماندانى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارھار ۋىلايەتلىك جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باياناتچىسى ھەزرەت ھۈسەيىن مەشرىقىۋال ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ ئاچىن ناھىيەسىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش نىشانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى، بۇ جەرياندا دائېشنىڭ مۇھىم قوماندانلىرىدىن قازى شاھىد بىلەن يەنە بىر دائېشچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 5 تېررورىستنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، ۋىلايەتنىڭ ھاساكى مىنە ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 دائېشچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئىككىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر