«شەرقىي ئافرىقىغا قىلغان زىيارىتىم فەتھۇللاھچىلارغا قارشى كۈرەشتە ناھايتى مۇھىم»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شەرقىي ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردىن سىرت يەنە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتىمۇ ناھايتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

660154
«شەرقىي ئافرىقىغا قىلغان زىيارىتىم فەتھۇللاھچىلارغا قارشى كۈرەشتە ناھايتى مۇھىم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تانزانىيە، موزامبىك ۋە ماداغاسقار قاتارلىق شەرقىي ئافرىقا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم باياناتلارنى بەردى.

ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە پەقەت ئىقتىسادىي مەسىلىنىڭلا مۇھىم ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، «شەرقىي ئافرىقىدىكى بۇ دۆلەتلەر فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم تەشكىلللىنىش مەركەزلىرى ھېسابلىنىدۇ. فەتھۇللاھچىلار تەشكىللەنگەن ئەڭ مۇھىم جايلاردىن بىرى جەنۇبىي ئافرىقا. خۇدايىم بۇيرۇسا، ئۇ يەردىمۇ چوقۇم زىيارەتتە بولىمىز» دېدى.

تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، يېڭى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمەستىنلا يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ترامپ بىلەن ئېلىپ بېرىلغۇسى كۆرۈشۈشتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بېشىدا تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىن قايتىدىن قاراپ چىقىلىشى كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدۇر. ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە ناتو غا ياراشقۇدەك شەكىلدە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ» دېدى.

ترامپ بىلەن ئېلىپ بېرىلغۇسى يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشلاردا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىېشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، «بۇ مەسىلە بىز مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولىدىغاندەك قىلىدۇ. بىز بۇ مەسىلىنىڭ دەرھال بىر تەرەپ قىلىنىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز. ئۇچرىشىشلاردا بىز ئامېرىكا تەرەپكە بەرگەن ھۆججەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورايمىز. ھازىر تەكشۈرۈلۈۋاتقان ھۆججەتلەرنىمۇ ئامېرىكىغا ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك كۈنتەرتىپ ۋە رېفېراندۇمدىن كېيىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ بولمايدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت ياكى پارلامېنتنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش كۈنتەرتىپى يوق. مۇھىم بولغىنى خەلقىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىدۇر. خەلقىمىزنىڭ بۇ ئىرادىسىنى كۆرۈش ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. بۇنى كۆرگەندىن كېيىن باشقا مەسىلىلەر توغرۇلۇق قارار بېرىش مۇمكىن. بۇ يەردە يەنە خەلق توپلىنىدىغان مەيدانلارغا ھۆرمەت قىلىش، مەيدانلارنىڭ تىلىنى بىرلىكتە كۆزىتىش پايدىلىق.»

جىددىي ھالەتنىڭ رېفېراندۇمغا توسالغۇ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «بىز ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن بۇرۇنمۇ جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈۋاتاتتى، جۈملىدىن شۇ ۋاقىتتىكى سايلاممۇ جىددىي ھالەت ئاستىدا ئېلىپ ئۆتكۈزۈلگەنىدى» دېدى.

ئەردوغان پۇل قىممىتى مەسىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە مەركەز بانكىسىنىڭ يېقىنقى ئۆسۈم مەسىلىسى توغرۇلۇق بەرگەن قارارىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، «ئۆسۈمنى كۆپەيتىش پۇل قىممىتىگىمۇ، پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆسۈم بىلەن پۇل پاخاللىقى بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۆسۈم سەۋەبتۇر، پۇل پاخاللىقى بولسا نەتىجىدۇر. پۇل قىممىتى بېسىدىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەرلىك پۇلنى ئىشلىتىش تۈزۈمىگە ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. رۇسىيە، خىتاي ۋە ئەردوغان بىلەن بۇ ھەقتە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر