ھىندىستاندا قار پالاكىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 19 غا يەتتى

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىغا جايلاشقان ھىمالايا تېغىدا يۈز بەرگەن قار كۆچكۈنى پالاكىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 19 غا يەتتى.

660544
ھىندىستاندا قار پالاكىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 19 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي باياناتچى پولكوۋنىك راجېش كالىئا گۇرېز رايونىدا يۈز بەرگەن قار كۆچكۈنىنىڭ ئاستىدا قالغان يەنە 4 ئەسكەرنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رايوندىكى ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ۋە قاتتىق قار يېغىشى سەۋەبىدىن ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جاممۇ كەشمىر رايونىدىكى كۆپلىگەن جايلاردا قار كۆچكۈنى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەندىن كېيىن دائىرىلەر خەتەرلىك رايونلاردىن نۇرغۇن كىشىنى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرغان، رايوندا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تۈنۈگۈن ۋە ئالدىنقى كۈنى قار كۆچكۈنى ئاستىدىن 15 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر