گېرمانىيە سۈرىيە مەسىلىسىگە ئاستانادا ئەمەس جەنۋەدە چارە تېپىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك-ۋالتېر ستېينمېيېر سۈرىيە مەسىلىسىگە ئاستانادا ئەمەس جەنۋەدە چارە تېپىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

657694
گېرمانىيە سۈرىيە مەسىلىسىگە ئاستانادا ئەمەس جەنۋەدە چارە تېپىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك-ۋالتېر ستېينمېيېر سۈرىيە مەسىلىسىگە پەقەت جەنۋە مۇزاكىرىلىرىدىلا سىياسىي چارە تېپىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بېرلىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ستېينمېيېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ستېينمېيېر قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلىۋاتقان سۈرىيە يىغىنىدا كۆپرەك سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەربىي تەرىپىنىڭ تەكىتلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.  

گېرمانىيەنىڭمۇ كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن ئاستانا مۇزاكىرىلىرىگە قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان ستېينمېيېر، ئاستانا مۇزاكىرىلىرىنى سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تاشلانغان قەدەملەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن ئورۇن ئېلىشى ۋە مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىغا ھەسسە قوشۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ستېينمېيېر،  بۇلارنىڭ پەقەت جەنۋە مۇزاكىرىدىلا ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ستېينمېيېر سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ياۋروپادا كۆچمەنلەر كىرىزىسىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ  سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇش مۇساپىسىدىن چوقۇم ئورۇن ئېلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر