CİA نىڭ ھۆججەتلىرىدە تېررورچىلارغا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئارخىپ ھۆججەتلىرىدە، سۈرىيە ۋە گىرېتسىيەنىڭ بىر قانچىلىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

658180
CİA نىڭ ھۆججەتلىرىدە تېررورچىلارغا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CİA)نىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاممىغا ئاچقان ھۆججەتلىرىدە، سۈرىيە ۋە گىرېتسىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى دىققەتنى تارتتى.

ھۆججەتلەردە ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ «تېررورلۇققا كۈرەشتە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەخمىن» تېمىلىق يىغىنىدا نېمىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر 1987 – يىلىدىكى ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (CİA)نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى روبېرت گاتېسكە سۇنۇلغان دوكلاتلار ئورۇن ئالدى.

دوكلاتتا سۈرىيە ۋە گىرېتسىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك ۋە ئەسالا قاتارلىق بىر قانچىلىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ۋە ياردەم قىلغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ.

گىرېتسىيەدە ئەينى چاغدىكى باش مىنىستىر ئاندىرېس پاپاندىرىيۇ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پانھەلەنىك سوتسيالىست ھەرىكەت پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرمەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاسالاغا ياردەم قىلغانلىقى ھەمدە ئىشخانىسىنىڭ بارلىقىنى مەخپىي تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گىرېتسىيەدىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرى ۋە تېررورىست پائالىيەتلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلغان دوكلاتتا مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

«چەت ئەللىك تېررورچى گۇرۇپپىلار گىرېتسىسەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتا. بۇلاردىن بىر نەچچىسىنىڭ بۇ يەردە ياردەم ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ئىشەنچلىك. بۇ گۇرۇپپىلار ئارىسىدا ھىزبۇللاھ، ئەبۇ نىدال تەشكىلاتى ۋە ئاسالا مۇ بولۇشى مۇمكىن. گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلىپ باقمىدى. چۈنكى گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىدە بۇ گۇرۇپپىلارغا قول تەككۈزمەسلىك چۈشەنچىسى بار.»

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ھۆججەتلىرىدە يەنە، سۈرىيەدە ئەينى چاغدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھافىز ئەسەدنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن باشقا، دىنىي ئاشقۇن گۇرۇپپىلارغا ياردەم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمنى ئاساسەن ئوتتۇرا شەرقتە سۈيىئسىتېمال قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

ھۆججەتتە سۈرىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قىلغان ياردەملىرى ھەققىدە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

سۈرىيە ھۆكۈمىتى پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى ۋە پات يېقىندا ئىران دېڭىز قولتۇقى رايونىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئارخىپى بولغان ئىككى تەشكىلاتنى (يەنى پ ك ك ۋە ئەبۇ نىدال تەشكىلاتىنى پاناھ جاي  بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىدە بولدى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، سۈرىيەنىڭ ھەرىكەتلىرى تاكتىكىنى مەقسەت قىلىدۇ ۋە ۋاقىتلىقتۇر. سۈرىيە ھۆكۈمىتى رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە تېررورىزمدىن پايدىلىنىشنىداۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر