ياۋروپادا تۇرۇشلۇق تۈركلەر ھەلەبكە ياردەم قىلدى

ياۋروپا تۈرك دېموكراتچىلار بىرلىكى ھەلەبتىكى ئېزىلگەن خەلق ئۈچۈن 250 مىڭ ياۋرو ياردەم توپلىدى.

652501
ياۋروپادا تۇرۇشلۇق تۈركلەر ھەلەبكە ياردەم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادا تۇرۇشلۇق تۈركلەر ھەلەب خەلقىگە ياردەم قولىنى ئۇزاتتى.

ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە شىۋېتسارىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تۇرۇشلۇق تۈركلەر سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى پۇقرالارنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

ياۋروپا تۈرك دېموكراتچىلار بىرلىكى 16 - دېكابىردا ھەلەبكە ياردەم سەپەرۋەرلىكى باشلىغان ئىدى. سەپەۋرەلىك دائىرىسىدە 250 مىڭ ياۋرو ياردەم توپلاندى. 

ياۋروپادا تۇرۇشلۇق تۈركلەر توپلانغان پۇلنى ھەلەبكە يەتكۈزۈلىشى ئۈچۈن تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيتىگە تاپشۇرۇپ بەردى.


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر