ئامېرىكىدا دونالد ترامپقا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە

ئامېرىكىدا بىر تۈركۈم كىشى دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزمەكتە.

651558
ئامېرىكىدا دونالد ترامپقا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە.

تىرامپنىڭ ئاقسارايغا كېلىشىگە ساناقلىقلا كۈن قالغاندا، پايتەخت ۋاشىنگىتوندا بىر ھەپتىدىن بۇيان نامايىشلار ۋە يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ۋاشىنگىتون خاتىرە تېشىغا يېقىن جايغا يىغىلغان نامايىشچىلار، باراۋەرلىك ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

«مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ ئىدىيەلىرىنى قوغداش»نامى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقانلار،مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ خاتىرە تېشى بولغان باغچىغىچە يۈرۈش قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئاياللارمۇ ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئون  مىڭلارچە ئامېرىكىلىق ئاياللارنىڭ ترامپنىڭ «ئاياللارغا قاراتقان ئايرىمچىلىق پوزىتسىيەسىگە»قارشى 21-يانۋاردا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يېقىن جايدا نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلگەنىدى.

2016-يىلدىكى سايلامدا ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېتنلىقىغا سايلانغان ترامپ، 20-يانۋاردا رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر