ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بايدىنغا «ئەركىنلىك  مېدالى» تەقدىم قىلدى

پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ترامپقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باراك ئوباما ياردەمچىسى جو بايدىننى دۆلەتتىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات ھېسابلىنىدىغان «ئەركىنلىك  مېدالى» بىلەن شەرەپلەندۈردى.

651014
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بايدىنغا «ئەركىنلىك  مېدالى» تەقدىم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق سارايدا بايدىن ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ۋىدالىشىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان ئوبامانىڭ ئەسلىدە نۇتۇق سۆزلىشى كۈتۈلۈۋاتاتتى.

ئەمما ئوبامانىڭ بايدىنغا مېدال تەقدىم قىلىشى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بولدى.

بايدىن مېدالنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئىنتايىن تەسىرلىرىنىپ، ئىختىيارسىز ھالدا كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈلدى.

ئوباما بايدىننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولۇشىنى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈنمۇ ئەڭ ياخشى  تاللاش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

بايدىن ئوبامادىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، ئوباما بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەركىنلىك مېدالى ئىلگىرى پاپا ئىككىنچى جېن پائۇل، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى رېگېن ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلغا بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر