رۇسىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكسېي مېشكوۋ تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى.

649936
رۇسىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكسېي مېشكوۋ تۈركىيە بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىجابىي ھەمكارلىق بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى پۈتۈنلەي بۇرۇنقى ھالىغا كەلتۈرۈپ ئىلگىرىلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئالېكسېي مېشكوۋ موسكۋادا ئاخباراتچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ، «تۈركىيە بىلەن ئىجابىي ھەمكارلىق بەرپا قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئالامىتى سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئىلىگىرىلەشلەردۇر. ئىقتىسادىي ساھەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مۇناسىۋەتلىرىمىزدىمۇ ئىلگىرىلەشلەر بار. دىيالوگ داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقىلا مۇناسىۋەتلىرىمىز باسقۇچمۇ - باسقۇچ ئەسلىدىكى ھالىغا كەلمەكتە» دېدى.

مېشكوۋ يەنە، ئارزۇسىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر