مۇسۇلدا 193 دائېشچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 193 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

648648
مۇسۇلدا 193 دائېشچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ھەربىي ھەرىكىتىدە 193 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ھەربىي ھەرىكەتتە بەزى ئىستىراتېگىيەلىك رايونلار قايتۇرۇپ ئېلىندى.

مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەربىي قوماندانلىرىدىن گېنېرال ئابدۇلئەمىر ياراللاھ، شەھەرنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەس-سۇقەر مەھەللىسىنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنى، جەنۇبىغا جايلاشقان ئەد-دۇببەت مەھەللىسى بىلەن شىمالىدىكى يەتتىنچى ئاپرېل مەھەللىسىنىڭ بىر قىسمىنىڭمۇ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياراللاھ شەھەردىكى نىنوۋا ئۇچۇر-ئالاقە ۋە پوچتا باشقارمىسى، سېلىنما ئىدارىسى، نىنوۋا ئېلېكتىر مۇدىرلىقى ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىنالىرىنىڭمۇ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نىنوۋا ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت قوماندانلىقى باياناتچىسى گېنېرال يەھيا رەسۇل،خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ مۇسۇلنىڭ شەرقىدە دائېشقا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ دىجلە دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان مەھەللىلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ ئالغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان رەسۇل، ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ دەريانىڭ شەرقىدە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، غەربىدە بولسا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بازىلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىراقتا بۇلتۇر 17-ئۆكتەبىردە قوزغالغان مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئىراق ئارمىيەسىنىڭ شەھەرنىڭ شەرقىي مەھەللىلىرىنىڭ تەخمىنەن %60نى قايتۇرۇپ ئالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ھەربىي ھەرىكەتتە ئىراق ئارمىيەسىدىن سىرت، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە باشىكا ھەربىي بازىسىدا تۈرك ئەسكەرلىرىدىن ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغان نىنوۋا مۇجاھىتلىرى ئورۇن ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر