ئامېرىكىنىڭ پ ي د نى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قوبۇل قىلغانلىقى دەلىللەندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە ئىتتىپاقدىشى، دەپ قاراۋاتقان پ ي د نى ناتونىڭ مۇھىم بىر رەسمىي ھۆججىتى ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قوبۇل قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

647461
ئامېرىكىنىڭ پ ي د نى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قوبۇل قىلغانلىقى دەلىللەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە باشقا ناتوغا ئەزا ئەللەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، 2013 – يىلى ناتو قارارگاھى جايلاشقان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا «ناتو ئىستراتېگىيەلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ماتېرىياللىرى يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا تۈركىيەنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، پ ي د / ي پ گ مۇ KCK ۋە PKK غا ئوخشاشلا بىر «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭمۇ بۇ ھۆججەتنى قوبۇل قىلىپ رەسمىي ئىمزالىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

سىرغا ئوخشاشلا مەخپىي تۇتۇلغان ناتو ئىستراتېگىيەلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا، ۋاشىنگتون پ ي د / ي پ گ نى ئۈچ يېرىم يىلدىن بۇيان «تېررورچى» دەپ ئېتىراپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تەشكىلاتقا ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىشتىن يالتايمىغان ئامېرىكا، PYD/PKK نىڭ ئەڭ چوڭ قورال بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ كەلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بىر ھۆججەتكە قول قويغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۈگۈن سۈرىيەدە پ ي د / ي پ گ گە ئىلغار ئۇرۇش قوراللىرى ۋە لازىمەتلىكلىرىنى بېرىشى، ناھايىتى ئېغىر ئىشەنچ مەسىلىسى پەيدا قىلىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، «بۇ ئەھۋال شۇنى كۆرسىتىدۇكى، نۆۋەتتە ئالدىمىزغا ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەرنى دەپ ئۆزىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بىر ئامېرىكا چىقماقتا» دېيىشمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ، ناتوغا قاراشلىق تېررورىزمغا قارشى مۇداپىئە مۇكەممەلىيەت مەركىزىنىڭ يىللىق ژۇرنىلىدىكى ماقالىسدە، PYD - PKK مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر