خەۋپ ئاخىرىدا ھەممىنىڭ ئىشىكىنى قېقىشى مۇمكىن

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چىگىچ، ئەڭ تەشكىللىك ۋە قورقۇنچلۇق تېررورلۇق تەشكىلاتى.

646287
خەۋپ ئاخىرىدا ھەممىنىڭ ئىشىكىنى قېقىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررور پەقەت تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ تەھدىت بولۇپ، بۇ بالايىئاپەت يېقىن كەلگۈسىدە ھەممە كىشىنىڭ ئىشىكىنى قېقىشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ چىگىچ، ئەڭ تەشكىللىك بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېگۈدەك تەشكىللەنگەن، تەشكىللەنگەن دۆلەتلەرنىڭ بىيۇروكراتىيەسىگە سوقۇنۇپ كىرىۋېلىش نىشانىغا يەتكەن بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر.

بۇ شۇنداق بىر تەشكىلاتكى، مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا مۇسۇلمان، خىرىستىيانلارنىڭ يېنىدا ئەڭ چوڭ خىرىستىيان، بۇددىستلانىڭ يېنىدا ئەڭ چوڭ بۇددىست، سېكۇلارىستلارنىڭ يېنىدا ئەڭ چوڭ سېكۇلارىست كۆرۈنۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان بىر تەشكىلاتتۇر.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ تەشكىلات مەسۇم ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد سىستېمىلىرىغا قورال تەڭلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن تارتىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ نامرات ئافرىقا دۆلىتىگىچە كەڭ تور سالغان بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىسمى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بىر سارايدا ياشىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەشكىلاتنىڭ ئەڭ چوڭ كاتتىباشلىرى ئەنگلىيە، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەر ۋە سىكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدە راھەت – پاراغەت ئىچىدە ياشىماقتا.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدە جىنايەت سادىر قىلغان، يۈزلەرچە كىشىنى ئۆلتۈرگەن، مىڭلارچە كىشىنى يارىلاندۇرغان ۋە ئون مىڭلارچە تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلغان تېررورىستلىرىنىڭ ھەممىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمىشە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھەممىدىن بەكرەك ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن غەرب ئەللىرىگە قاچتى.

بۇ تېررورىستلار سادىر قىلغان جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر، ئۇلار قاچقان دۆلەتلەردىكى ئادرېسلىرى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە بېرىلدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ تېررورىستلارنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، تۈركىيە بىلەن ئوخشاش لاگېردىن ئورۇن ئېلىۋاتقان ھېچقانداق بىر ئىتتىپاقداش دۆلەت تېررورىستلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمىدى.

مەسىلەن، تۈركىيەنىڭ قوشنىسى بولغان گىرېتسىيە يۈزلەرچە تۈركىيە پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەن ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا تېررورىست ئوفىتسېرلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمىگىنىدەك، بۇ تېررورىستلارغا بەھۇزۇر ياشاش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە كۆپلىگەن تېررورىستلارغا دۆلەتلىك مۇراسىملار ۋە پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى. دۆلەت باشلىقلىرى تېررورىستلارنى قىزىل گىلەملەرنىڭ ئۈستىدە قارشى ئالدى ۋە يانچۇقلىرىغا دىپلوماتىك پاسپورتلارنى سېلىپ قويدى.

خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بەھۇزۇر ياشاۋاتقان تېررورىست ياۋروپا پارلامېنتىغا بېرىپ، كونفېرانس بەردى، پارلامېت ئەزالىرى بۇ تېررورىستنى ئورنىدىن تۇرۇپ ئالقىشلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەمىشە تېررورىزمنىڭ پەقەت تۈركىيەنىڭلا مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، خەلقئارالىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە ھەممە كىشىنىڭ ئىشىكىنى قاقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان يەنە پۈتكۈل دۇنيانىڭ تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشى تەكلىپىنى سۇندى ۋە ھەممىنى شۇنداق قىلىشقا چاقىردى.

ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئىنساننىڭ ھاياتىنى مۇقەددەسلەشتۈرگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن غەربنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھايات مىزانى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ئەللەر تۈركىيەگە قارشى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتتى. خەلقئارالىق دىپلوماتىيە ۋە ئەدەب قائىدە – يوسۇنلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى كەمسىتىدىغان ئىبارىلەر بىلەن بېزەلگەن باياناتلارنى بەردى.

تېررور ياۋروپانىڭ بۇ بوشلۇقىنى كەچۈرمىدى. ئەنگلىيەدىن گىرېتسىيەگىچە ھەممىلا جايدا ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى. پارىژنى، بىريۇسسېلنى بومبىلاپ، يۈزلەرچە پۇقرانى قەتل قىلدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان ۋەقەسىدە كېلىپ چىققان ئىختىلاپ سەۋەبىدىن رۇس رەھبەر پۇتىن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەر – ئايال، قېرى – ياش ۋە بالا دېمەستىن پۇقرالارنى قارا قويۇق قەتل قىلغان تېررورىستلارنىڭ ھەممىسىگە موسكۋانىڭ ئىشىكلىرىنى كەڭ ئاچتى. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ موسكۋادا ئىشخانا ئېچىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەندىن سىرت يەنە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تېررورىستلارنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىۋاسىتە قاتناشتى.

شۇ كۈنىمۇ تۈرك لىدېر ئەردوغان ھەم رۇسىيەنى ھەم پۈتكۈل دۇنيانى ئاگاھلاندۇردى. «تېرورنىڭ ۋەتىنى ۋە چېگراسى يوق» دېدى. تېررورنىڭ ئەتە - ئۆگۈن ئۇنى باغرىغا باسقانلارغا نىسبەتەن ناھايتى چوڭ بالايىئاپەت بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئېيتقانلىرى توغرا چىقتى. تېررور بۇ قېتىم رۇسىيەنى نىشان قىلدى. رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى بىر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە سۇيىقەستكە ئۇچرىدى.

رۇسىيەنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىغان باش ئەلچىسىنى تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ ياخشى كۆرۈلۈدىغان باش ئەلچى دېيىش مۇمكىن. چۈنكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان كىرىزىسىدىن كېيىن يىرىكلىشىپ قالغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. رۇسىيەنىڭ باش ئەلچىسىدىنمۇ كۆرە، گويا ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسىدەك ۋاسىتىچىلىك رولى ئويناشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى قايتىدىن ناھايتى تېز ئىزىغا چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن، خاتا چۈشىنىپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ يوقالدى.

رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋ ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى كەچتە گېرمانىيەدە بىر بازاردا ھۇجۇم يۈز بەردى. ھۇجۇمدا 10 ئەتراپىدا مەسۇم كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىيوردانىيەدىمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. شىۋېتسارىيەدىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتخانىسى بولغان بىر جامە ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئونلارچە كىشى يارىلاندى.

نۆۋەتتە تېررورنى باغرىغا بېسىۋاتقانلار رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلارچە مەسۇم كىشىنى ئۆلتۈرگەن قاتىللارنىڭ شېرىكىدۇر.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيە رەھبىرى ئەردوغانغا بولغان دۈشمەنلىكلىرى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ياۋروپا مەدەنىيىتىنى ئاياغ ئاستى قىلىۋېتىشكە كۆڭلى رازى بولغۇدەك دەرىجىدە قارىغۇ قىلىپ قويۇپتۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى نۇرغۇنلىرىغان مەسۇم كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا.

ئى تېررورىستلارغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ياۋروپا ۋە غەرب دۇنياسى! سىلەر تېررورنىڭ ئىشىكىڭلارنى قېقىۋاتقانلىقىنىمۇ ئئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئونلارچە مەسۇم ئايللار، بالىلار ۋە ياشانغان پۇقرالارغا ئۇۋال ئەمەسمۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر