فىرانسىيە سوت مەھكىمىسى پ ك ك لىق تېررورىستلارنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

فىرانسىيەنىڭ رېينس سوت مەھكىمىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 4  ئەزاسىنى 2 ئايدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

646252
فىرانسىيە سوت مەھكىمىسى پ ك ك لىق تېررورىستلارنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 7 – دېكابىر كۈنى پارىژدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 4 پ ك ك لىق تېررورىستقا بۇ قېتىم ساقچىلارغا ئۆي ئادرېسلىرىنى ئېنىق بىلدۈرمەسلىك جىنايىتى بىلەن 2 ئايدىن قاماق جازاسىغا ۋە 300 ياۋرودىن تۆلەم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

25 ۋە 45 ياشلار چامىسىدىكى پ ك ك لىقلار تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن پۇل يىغىش جىنايىتى بىلەن  ئەيىبلىنىپ ئۆتكەن ئاي پارىژدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

رېينس سوت مەھكىمىسى، «فىرانسىيەنىڭ يېڭى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنىغا ئاساسەن 15  كۈن ئىچىدە ساقچىلارغا ئۆي ئادرېسلىرىنى بىلدۈرمىگەن 4 پ ك ك لىق قايتىدىن جىنايەت سادىر قىلغان» دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن ئەھلىيە مەھكىمىسىنىڭ ئادۋۇكاتلىرى بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016 – يىلى 1 – ئىيۇل كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان يېڭى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنىنىڭ تېررور جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ماددىسى تۇنجى قېتىم 4 پ ك ك لىق ئۈستىدىن ئىجرا قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر