باش مىنىستىر يىلدىرىم ئىراقتا قىزغىن قارشى ئېلىندى

باش مىنىستىر يىلدىرىم باغداد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئىراق سۇ بايلىقلىرى مىنىستىرى ھەسەن ھانى ئەلجەنابىي، تۈركىيەنىڭ باغداد باش ئەلچىسى ففرۇق قايماقچى ۋە ئىراقنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ھىشام ئالاۋى قاتارلىقلار تەرىپىدىن مۇراسىم ئارقىلىق قىزغىن قارشى ئېلىندى.

646363
باش مىنىستىر يىلدىرىم ئىراقتا قىزغىن قارشى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يىلدىرىم ئايرودۇرۇمدا ئىراق سۇ بايلىقلىرى مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ئىراق زىيارىتىدە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي  بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى بۈلەنت تۈفەكچى، مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز ۋە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق قاتارلىقلار يىلدىرىمغا ھەمراھ بولماقتا.

تۈركىيە – ئىراق ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭمۇ زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن باش مىنىستىر يىلدىرىم ۋە ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

باغدادتا ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇم ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى سېلىم جۇبۇرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى پىلانلىنىۋاتقان باش مىنىستىر يىلدىرىم ئىراقتىكى مۇھىم سىياسىي رەھبەرلەر، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، رايوندا ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىملىق، ھۇزۇر ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

بۇ دائىرىدە ھەر ئىككى دۆلەتكە ئورتاق تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك، دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا، ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھالىرىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.

باش مىنىستىر يىلدىرىم باغدادتىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن ئەربىلغا يېتىپ بېرىپ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى مەسئۇد بارزانى ۋە باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر