ھۆكۈمەتنىڭ ئىنجىرلىك بازىسى توغرىسىدىكى باياناتى ئىنكاس پەيدا قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى بىرلەشمە كۈچلەر باياناتچىسى پولكوۋنىك جون دورىيىن، سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىدا تۈركىيە ئارمىيەسىگە ھەمنەپەس بولۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

644597
ھۆكۈمەتنىڭ ئىنجىرلىك بازىسى توغرىسىدىكى باياناتى ئىنكاس پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەخت باغدادتىن تېلېفون ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا دوكلات بەرگەن ئامېرىكا قوماندان جون دورىيىن، ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ بىرلەشمە كۈچلەرنى تەمىنلەۋاتقان ئىمكانىيەتلىرىنىڭ بىباھا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، بازىنىڭ ئاخبارات، چارلاش ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە ياردەمچى بولۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پېنتاگون باياناتچىسى دورىيىن، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نۆۋەتتە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما، دەل قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئورتاقلىشالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دورىيىن، بىرلەشمە كۈچلەر ئەلبابتا تۈركىيەگە ھەمنەپەس بولۇشى يولىدا دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئەلباب ھەرىكىتىگە ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى، ئەمما ياردەمنىڭ شەكىل ۋە دائىرىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇئەييەنلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ياردەم قىلماسلىقىنىڭ ئىنجىرلىك بازىسىدىكى مەۋجۇدىيىتى ئۈستىدە دەتالاش پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر