ۋېنېزۇئېلادا بىر ھەربىي تىكئۇچار ئامازون ئورمانلىقىدا يوقاپ كەتتى

ۋېنېزۇئېلادا ئارمىيەگە تەۋە بىر ھەربىي تىكئۇچارنىڭ ئامازون ئورمانلىقىدا يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

642881
ۋېنېزۇئېلادا بىر ھەربىي تىكئۇچار ئامازون ئورمانلىقىدا يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا 13 كىشىنى ئېلىپ ماڭغان بىر ھەربىي تىكئۇچار ئامازون ئورمانلىقىدا يوقاپ كەتتى.

ۋېنېزۇئېلا خەۋەرلىشىش ئىشلىرى مىنىستىرى ئېرنېستو ۋىللېگاس، ئامازون يامغۇر ئورمانلىقىدا يوقاپ كەتكەن ھەربىي تىكئۇچارنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ 8 ھەربىي چارلىغۇچى ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋىللېگاس، تىكئۇچاردىكى كىشىلەر توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تىكئۇچاردىكى13 كىشى ئىچىدە 5 ى ھەربىي خادىم ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر