ئىران قەرز سەۋەبىدىن ئىراقنى توك بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران دائىرىلىرى ئىراقنىڭ توك ھەققىنى تۆلىمەي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ توك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

642420
ئىران قەرز سەۋەبىدىن ئىراقنى توك بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىراقنىڭ توك ھەققىنى تۆلىمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ توك بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى.

ئىراق ئېلېكتىر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ 5 غول لىنىيە ئارقىلىق تەمىنلەپ كېلىۋاتقان 1200 مېگاۋاتلىق توكنى، ئىراقنىڭ تەخمىنەن 1 مىليارد دوللارلىق قەرزى سەۋەبىدىن توختىتىۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

توك بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈنلەي توختىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئىراق مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئىرانغا بۇرۇن 100 مىليون دوللارلىق توك ھەققى تۆلەنگەنلىكىنى، بىراق تۆلەنمەي يىغىلىپ قالغان قەرز پۇل ئۈچۈن تەمىنات بېرىلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر