تولغاق ئىچىدە ئىڭراۋاتقان «دۇنيا»

دۇنيانىڭ كونا تەرتىپى ئۆزگەرمەكتە، بىراق يېڭى مىزان ياكى تەرتىپ تېخى كەلمىدى.

642417
تولغاق ئىچىدە ئىڭراۋاتقان «دۇنيا»

پۈتۈن خىشلار ئاساسەن ئورنىغا قويۇلدى، بىراق ھەممىسى ئاخىرقى خىشنى ساقلاۋاتىدۇ. ئاخىرقى خىشنىڭ ئورنىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىقلارغا قاتناشقلار ئارىسىدا دەل «ئۆزىمۇ»باردۇر، مەسىلەن رۇسىيەنىڭ تۈركىيە ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگىنىگە ئوخشاش.

سۈرىيە، ئىراق بولۇپ ئوتتۇرا شەرقتە رېلىستىن چىققان بارلىق نەرسە ئۈچۈن 20-يانۋار يەنى يېڭىدىن «سايلانغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى»نىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىدىغان كۈن تۆت كۆز بىلەن كۈتۈلمەكتە.

شەكسىزكى، رايوننىڭ مۇۋازىنىتى ئۈچۈن ھەل قىلىش ئامىلى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ كارغا كېلىپ كەلمەسلىكى تالاش-تارتىشلىق مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن مارت-ئاپرېل ئايرىلىغىچە ۋاشىنگىتوننىڭ دونالد ترامپ ۋە كابېنتىنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقى، قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ.

ئۇ ۋاقىتقىچە تۈركىيە قاتارلىق كۈچلەر ئۈستەلدە ئەڭ كەڭرى ۋە چوڭ ئورۇندۇقنى ئىگەللەش، مۇمكىن بولسا نۇرغۇن كوزۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت  قىلىدۇ. نۆۋەتتە دەل مۇشۇ ۋەزىيەت ئۈستىدە تۇرۇۋاتىمىز.

سۈرىيەدە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ئەمەلىيەتتە رايوننى دوزاخقا ئايلاندۇرۇۋەتكەنلەرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن مەجبۇرىي سىقىپ چىقىرىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رايابكوۋ مۇنداق دېدى:«رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق مەخپىي كۈنتەرتىپى يوق. غەرب دۇنياسى سۈرىيە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇر. كېلىشىمدىكى ماددىلارنى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادا بەزىلەر ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن، لېكىن رىئاللىق مۇشۇنداق، بۇنىڭغا كۆنمەي ئامال يوق.»

پۇتىن تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ئەڭ بۈيۈك،ھەتتا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچى سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە چۈشۈپ قالغان ۋەزىيىتىگە قارىمامسىلەر؟

«رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سائىنت پېتېرسبۇرگ شەھىرىد ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىدە مۇنداق دېگەنىدى: ئامېرىكا ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈچ. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ يېگانە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچى ئامېرىكىدۇر، بۇنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشىنى خالايمىز ۋە بۇنىڭغا تەييارمىز.»

ئوباما بىلەن كابېنتى پۇتىننىڭ ئالتە ئاي بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلماسلىقى ۋاشىنگىتوندا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى، بىراق نۆۋەتتە بۇنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەكلىپنىڭ قايتا بېرىلىشى ناتايىن. بىراق ئامېرىكا ئالدىمىزدىكى ئايلاردا بۇ تەكلىپنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. سەۋەبى مۇنداق:« ئامېرىكا  رۇسىيە،تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدە نوپۇز  تىكلىشىنى قوبۇل قىلىشى، ھەتتا ھەزىم قىلىشى مۇمكىن. بىراق تۈركىيەنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا، تۈركىيەنىڭ قولدىن كېتىشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەك.»

ئوباما ھاكىمىيىتى بىلەن مەۋجۇدلۇقى داۋاملاشقان ئامېرىكا نىزامى ۋە تەرتىپى ئامېرىكىغا تولىمۇ ناچار تاشقى سىياسەت مىراسى قالدۇرۇپ قويدى. ھەممىدىن مۇھىمى، رۇسىيە-تۈركىيە لىنىيەسىمۇ بۇ مىراسقا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇلماقتا. ھەيران قالارلىق بىر ئىش باركى، تۈركىيە ئۈچۈن مەخسۇس بىر «مەنىلىك ۋاقىتلارنى توغرىلاش ئىنىستېتۇتى»بار.

رۇسىيە ئەلچىسىگە قىلىنغان سۇيىقەست تۈركىيە-رۇسىيە-ئىران ئوتتۇرىسىدا ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى سادىر قىلىندى. ھەممىڭلارغا مەلۇم، بەشىكتاش تېررورلۇق ھۇجۇمىمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قازاقىستان زىيارىتىدىن ئىلگىرى يۈز بەردى. سۇيىقەست كۈنى رۇس-تۈرك-قازاق لىدېرلىرى كېيىنكى قېتىملىق كۆرۈشۈش ئۈستىدە كېڭەش قىلىۋاتاتتى. ئۇلار ھاسىل قىلغان كېلىشىم ماددىلىرىدىن بىرى پ ي د –پ ك ك غا قارشى ئىران-رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى ۋە لىنىيەسى دەمەشىق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم رۇس ئەلچىسىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەسىلىدە بۇ كۆرگەزمە رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم پائالىيەت ئىدى.» چوڭقۇر ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر.

كۆرگەزمىنىڭ نامىنىڭ «كالىنىڭرادتىن كامچاتكاياغا»ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتەيلى.

ئەلۋەتتە، شۇ كۈنى كەچتە گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن شەكىل جەھەتتىن فىرانسىيەدىكى يۈك ماشىنىسى ھۇجۇمىغا ئوخشايدىغان تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى.

گېرمانىيە فېدراتىپ مەجلىس تاشقى ئالاقە كومىتېتى باشلىقى نوربېرت رۆتتگېن مۇنداق دېدى: « سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن رۇسىيە بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ قالسا خەتەرلىك ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ.»

ئىران پىرېزىدېنتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىنى ئىسھاق جىھانگىر شۇ كۈنى تۈركىيەگە كېلەتتى، لېكىن بىكار قىلىندى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، باشقا كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى.

رۇسىيەنىڭ سۇيىقەست ۋەقەسى توغرۇلۇق بەرگەن باياناتى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى بىلەن كىرىمېل سارىيىنىڭ سۇيىقەست ۋە پەردە ئارقىسىغا ئوخشاش جەھەتتىن قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

چوڭ بىر دۆلەتنىڭ ئەلچىسىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس، بۇنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى مۇشۇنداق بىر چوڭ كىرىزىس بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا ھەل بولدى. بۇنىڭدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چىقارغان كۈچى پەۋقۇلئاددە چوڭدۇر. رۇسىيەمۇ بۇ مەسىلىنى دەرھال  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يەتكۈزۈپ، ئورتاق ئەيىبنامە ئېلان قىلدۇردى. رۇسىيە بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى پەقەت رايون نۇقتىسىدىنلا كۆزەتمەيدۇ، شۇڭا بۇنى تۈركىيەگە تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن «ئامېرىكىچە يوشۇرۇن دۆلەت» ۋە «دۇنياۋى نىزام» مۇنۇلارنى قىلدى: «16-دېكابىردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن نېفىت سودىسى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورىدى. لېكىن رۇسىيەنىڭ ئوخشاش قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۈركىيەدىن كەچۈرۈس سورىمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

18-دېكابىردا ئوباما مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك ئارمىيەسى بار، لېكىن ئۇ  سۈرىيەگە نىزام ۋە تەرتىپ ئېلىپ كېلەلمىدى.

19-دېكابىردا سىبرىيەدە 39 يولۇچىنى ئېلىپ ماڭغان بىر رۇس ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتتى. رۇسىيە  تۈرك ئېقىم لايىھەسىنىڭ دۇمادا ماقۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋ ئەنقەرەدە سۇيىقەستكە ئۇچرىدى. موسكوۋادا بىر رۇس دىپلوماتى ئۆيىدە ئۆلۈكى تېپىلدى.

21-دېكابىردا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە قاناللىرى توختىتىلدى. 24-دېكابىردا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش تەپتىشى يىۋېس چاندېلون ماشىنىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

25-دېكابىردا 93 كىشى ئېلىپ ماڭغان تۇپولوۋ تۇ-154 تىپلىق بىر رۇس ئايروپىلانى سوچىدىن قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قارادېڭىزدا چۈشۈپ كەتتى.

26-دېكابىردا موسكۋادا بومبا سىگنالى بېرىلىپ، 3 پويىز ئىستانىسىسىدىن مىڭلارچە يولۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى. 26-دېكابىردا يەنە روسنېفت باشلىقى ئىگور سەچىننىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى ئولېگ ئېروۋىنكىننىڭ ماشىنىسىدا ئۆلۈكى تېپىلدى. ئېروۋىنكىن 1976-يىلدىن بېرى رۇسىيە ئىستىخباراتىغا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان گېنېرال ئىدى. 26-دېكابىر موسكۋادىكى ئىراق ئەلچىخانا بىناسىدا مەدەنىيەت باشلىقى ھايدار جاببارنىڭ ئۆلۈكى تېپىلدى.

23-دېكابىر كۈنى يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن پۇتىن مۇنداق دېدى: «رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران سۈرىيە مەسىلىسىدە كۈچلۈك نوپۇزغا ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بۇ ئەھۋالنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئامېرىكىنى رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىرانغا قوشۇلۇشقا چاقىرىمىز.»

24-دېكابىردا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ مۇنۇ سۆزلەرنى سەرپ قىلدى: «20-يانۋاردىن كېيىن ئامېرىكىدا يېڭى پىرېزىدېنت ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىدۇ. ئۇلار بىلەن كۆرۈشىمىز. ئەل بابتا ئىشنىڭ بىر قىسمى تۈگىدى، نۆۋەتتە مۇنبىچ بار. مۇنبىچتىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن ھەرىكەت قىلساق نۆۋەت راققاغا كېلىدۇ.»

بۇ ئىككى ئوچۇق دەۋەت ھازىرقى ئامېرىكىغا ئەمەس كېلىدىغان ئامېرىكىغا قارىتىلغاندۇر. باش ئەلچى كارلوۋ سۇيىقەست توغرۇلۇق رۇسىيە رەھبەرلىرى ئىككى قېتىم بايانات ئېلان قىلدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: «شۇنى ئوچۇق دېمەكچىمەن: ئايروپىلانىمىز تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ بۇيرۇقى ئېلىنماي، تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالماقچى بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلارغا گۇمان بىلەن قارايتتىم، لېكىن باش ئەلچىمىزگە بىر ساقچى سۇيىقەست قىلغاندىن كېيىن قاراشلىرىم ئۆزگىرىشكە باشلىدى.»

كىرىمېل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ مۇنداق دېدى: «موسكۋا  ئورتاق تەشكۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۈتۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ دېگىنىدەك، تەشكۈرۈش ئاخىرلاشقۇچە سۇيىقەستنىڭ پەردە ئارقىسىدىكىلەر توغرۇلۇق يەكۈن چىقارماسلىق كېرەك.»

بۇ ئىككى رەسمىي بايانات قارىماققا زىددىيەتلىك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.

رۇسىيە  ئەلچى سۇيىقەستىنىڭ تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن سادىر قىلىنغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ، بەكرەك رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى، موسكۋا-ترامپ مۇناسىۋەتلىرىنى نىشان قىلغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

موسكۋانىڭ «تەكشۈرۈش ئايدىڭلاشقۇچە»دېگەن سۆزىنىڭ تەرجىمىسى «ترامپ ئورنىغا ساق-سالامەت ئولتۇرۋالسۇن»دېگەنلىكتۇر. ھۇجۇم ۋە كەينىدىكىلەر نۆۋەتتە سۈرىيەدە نوپۇزلۇق كۈچى بولغان  رۇسىيە،تۈركىيە ۋە ئىران سپىغا ئامېرىكىنىڭ قوشۇلماسلىقىنى نىشان قىلغانلىقتىن، ئىككى چوڭ كۈچ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تاشلىۋېتىشى مۇمكىن.

20-يانۋاردا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ترامپنىڭ ھازىرغىچە رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان يوشۇرۇن دىپلوماتىيە، ئىككى چوڭ كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر