يېڭى پاش بولغان ئېغىر دەرىجىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشى مىسىرنى زىلزىلىگە سالدى

مىسىردا دۆلەتنىڭ مەلۇم بىر ئورگىنىنىڭ سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ مىليونلارچە دوللار قىممىتىدە پارا ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

639535
يېڭى پاش بولغان ئېغىر دەرىجىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشى مىسىرنى زىلزىلىگە سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مىسىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى بايانات بېرىپ، مەزكۇر خادىمنىڭ تۇرالغۇلىرىدىكى تەكشۈرۈشلەردە 24 مىليون مىسىر جۇنەيھى، 4 مىليون دوللار، 2 مىليون ياۋرو ۋە 1 مىليون سەئۇدى ئەرەبىستان رىيالى نەق پۇلنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەزكۇر كىشىنىڭ ئونلارچە مۇقىم مۈلۈك ۋە ئېسىل ئاپتوموبىلىدىن باشقا ناھايىتى قىممەت باھالىق زىبۇ – زىننەتلىرىنىڭ بارلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

مىسىرنىڭ كۈنتەرتىپىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتىۋەتكەن پارىخور ئەمەلدارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇ ئىشلىگەن ئورگان توغرىسىدا جامائەتچىلىككە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

مىسىرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن باشقا مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيەسىمۇ بۇ مەسىلىگە ئورۇن ئاجراتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر