ئامېرىكا، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى بايانات بەردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا ھېچقانداق رول ئوينىماسلىقى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

639168
ئامېرىكا، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارك تونېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ، PKK مەۋجۇدىيىتىگە سىنجاردا تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ توسالغۇسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قارايدىغان PKK نىڭ سىنجاردا ھېچقانداق رولى بولماسلىقى كېرەك» دېدى.

سىنجاردا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ رايوننىڭ يەرلىك خەلقىنىڭ ئۆز ماكانلىرىغا قايتالىشى ئۈچۈن كېرەكلىك سىياسىي يارىشىش ھاسىل قىلىش مۇساپىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان تونېر، ۋاشىنگتوننىڭ باغداد بىلەن ئەربىل دائىرىلىرىنى بۇ جەھەتتە يېقىن ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھۆكۈمەت (باغداد ھۆكۈمىتى) مۇ سىنجاردا مۇقىملىق ئورنىتىش ۋە PKK نىڭ مەۋجۇدىيىتى پەيدا قىلغان مەسىلىلەرگە ئالاقىدار ئەندىشىلىرىمىزگە ئورتاقلىشىدۇ» دېدى.

شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق دائىرىلىرىنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانى بىلەن باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانىمۇ، ئۆتكەن ھەپتە سىنجاردىن چىقىپ كەتمىگەن تەقدىردە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى، 2014 – يىلى 3 – ئاۋغۇستتا دائېشنىڭ ھۇجۇمىنى باھانە قىلىپ رايونغا ئورۇنلىشىۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر