سۈرىيەدە بومباردىمان ۋە بولاڭ - تالان داۋام قىلماقتا

سۈرىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دەيرۇززۇر شەھىرىگە قاراشلىق ئەسسۇۋار رايونىدىكى بىر يېزىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 23 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

639367
سۈرىيەدە بومباردىمان ۋە بولاڭ - تالان داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسسۇۋار رايونىدىكى مەھەللىي پائالىيەتچىلەردىن ئەھمەد ھەسەن، بىر رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ دەيرۇززۇر شەھىرىنىڭ ئەسسۇۋار بازىرىغا قاراشلىق ئەلئىخرىجىييە يېزىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئاياللار ۋە بالىلار قوشۇلۇپ جەمئىي 23 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئونلارچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېزىدىكى نۇرغۇن تۇرالغۇنىڭ ۋەيران بولغانلىقى ياكى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەسەن، پۇقراۋىي قوغدىنىش خادىملىرىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغان پۇقرالارنى چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا ھەلەبنىڭ غەربىي قىسىملىرىمۇ قاتتىق بومباردىمان قىلىنماقتا؛ مەھەللىي پائالىيەتچىلەردىن ياسىر ئەلى، رۇسىيە ۋە ھاكىمىيەت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەلەبنىڭ غەربىدىكى ئەتارىب ناھىيەسى بىلەن دارەت ئىزائە ۋە دەئال بازارلىرىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى قاتتىق بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەي قىلغان ئەلى، شەرقىي ھەلەبتىن پۇقرالارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشىدىن كېيىن، رۇس ۋە ھاكىمىيەت ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەلەبنىڭ غەربىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى ئاھالىسى تارقاقلاشتۇرۇلغان ئۆيلەرنى بولاڭ – تالاڭ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە؛ مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ھاكىمىيەت ئارمىيەسىدىن پولكوۋنىك سۇھەيل ئەلھەسەنگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ نويابىر ئېيىدا باشلانغان بولاڭ – تالان قىلىش ۋەقەلىرى بۇ قېتىمقى تارقاقلاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ئەۋجىگە چىققان. مەزكۇر ئەسكەرلەرنىڭ بەزى مەھەللىلەرنى بىخەتەرلىك چەمبىرىگە ئالغانلىقى، «قۇرۇلغان بومبىلارنى چۇۋۇش» نى باھانە قىلىپ كىرگەن ئۆيلەردىكى قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئوغرىلىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

مىڭلارچە ئۆي – ماكان بۇ شەكىلدە بوشىتىلغان بولسا، بولاڭ – تالان ۋەقەلىرى بولۇپمۇ سەيفۇددەۋلە، ئەززىبدىييە، سالاھۇددىن ۋە ئەسسۇككەرى مەھەللىلىرىگە مەركەزلەشتى. رايوندا ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە كۆپ ساندا تەكشۈرۈش نۇقتىسىنىڭ بارلىقى، نەرسە – كېرەكلىرىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان پۇقرالاردىن كۆپ مىقداردا پۇل تەلەپ قىلىنغانلىقى، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى قويۇپ كېتىشكە مەجبۇرلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ھەلەب شەھەر مەركىزىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى شەرقىي قىسمىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.

15 – دېكابىردا باشلىنىپ 8 كۈن داۋاملاشقان تارقاقلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە 44 مىڭغا يېقىن پۇقرا ۋە ئۆكتىچى يۈزلەرچە ئاپتوبۇس ۋە مىڭلارچە خۇسۇسىي ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇپ ھەلەبتىن چىقىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر