«ئىتتىپاقداش كۈچلىرى دائېشقا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنى يالغۇز تاشلاپ قويدى»

جۇمھۇر رەئىسلىك ساريى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەلباب رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە تۈركىيەگە ياردەم بەرمەسلىكىنى تەنقىد قىلدى.

638876
«ئىتتىپاقداش كۈچلىرى دائېشقا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنى يالغۇز تاشلاپ قويدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە 1900 كىۋادرات كىلومېتىرلىق بىر ساھەنىڭ تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، دائېشقا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە پۇرسەت تاپسىلا تۈركىيەنى تەنقىد قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭ ھاۋادىن ياردەم قىلماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ <فىرات قالقىنى> ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي. جۈملىدىن بۇ ھەربىي ھەرىكەت چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر