كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەلەبكە يۈرۈش قىلدى
ياۋروپادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن 400 كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىدىنى سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەگە ئاغدۇرۇش مەقسىتىدە «ھەلەب ئۈچۈن پۇقراۋى يۈرۈش قىلىش» شوئارى ئاستىدا گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىن ھەلەبكە يۈرۈش قىلدى.
638391
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى بومباردىمانلارغا خاتىمە بېرىلىشى، پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەر يۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلىرىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە ھەمبەھىرلىشىدۇ.
سەپەر ئۈستىدىكى ئۆتۈش ئېغىزلىرىغا چېخىيە جۇمھۇرىيىتى، ئاۋىستىرىيە، سىلوۋېنىيە، كىرودىيە، سېربىيە، ماكېدونىيە، گىرېتسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر جايلاشقان بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن پىيادە 20 – 25 كىلومېتىر يول يۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەر، تەخمىنەن 4 ئايدىن كېيىن ھەلەبكە يېتىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقتىكى بىر تەبىئىي گاز مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى كور-مور تەبىئىي گازلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.