ھەلەبنىڭ چارىسىزلىكى، دۇنيانىڭ بىپەرۋالىقى ۋە دۆلەتلەرنىڭ رەھىمسىزلىكى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى:

635911
ھەلەبنىڭ چارىسىزلىكى، دۇنيانىڭ بىپەرۋالىقى ۋە  دۆلەتلەرنىڭ رەھىمسىزلىكى

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرسىدا ھاسىل قىلىنغان شەرقىي ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ناھايىتى سەزگۈر  ھالەتتە تۇرماقتا. مەزكۇر كېلىشىم قورشاۋ ئاستىدىكى شەھەردە ياشاۋاتقان ۋە ۋارىل بومبىلىرى ياكى بەزى قوراللىق كۈچلەرنىڭ قولاي ئولجىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان ئايال ۋە بالىلار بولۇپ مىڭلارچە كىشىنىڭ بەلكىم ئاخىرى ئۈمىدى بولۇشى مۇمكىن.

سۈرىيەنىڭ 5000 يىللىق تارىخىغا ئىگە بولغان ھەلەب شەھىرىنىڭ قولدىن كېتىشى ۋە بۇ شەھەرنى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلەرچە، ياۋايىلەرچە خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇۋېتىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئېچىندۈرىدىغان ۋە ئەپسۇسلاندۇرىغان ئەھۋال بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئەھۋال بۇنداق بولماي ھەلەبلىكلەرنىڭ چارىسىزلىكىنى، ئىزتىراپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ۋ ە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋاستىسى بىلەن نەق مەيداندا تارقىتىلغان ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر بۇ قېتىممۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ بولۇپمۇ خەلقئارانىڭ نەزىردىن يەنە چۈشۈپ قالدى، شۇنداقلا ئاتالمىش مەدەنىي دۇنيارىمىز يەنە بىر قېتىم ئەخلاقىي يىمرىلىشنىڭ، ياۋايىلىقنىڭ ۋە ئىززەت-ئابرويسىزلىقنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە يېتىپ كەتتى.

ھەلەبتە يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقان دۇنيانىڭ بۇ پەرۋاسىز قىلمىشىغا شاھىت بولغانلار ئىچىدە ئەمىنە سېكېروۋىچ كاسلى،8، 9 ياش ۋاقتىدا مەيدانغا كەلگەن بوسنىيە ئۇرۇشىدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ قالغانلاردىن بىرى  بولۇپ، ئۇ تارىخنىڭ بۇ زۇلمەتلىك ھادىسىسىنى باشتىن كەچۈرگەندە مۇنۇنى خىيال قىلغانلىقىنى دەيدۇ: «دۇنيا بىگۇناھ ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ پالاكەتلەرنى بىلگەن بولسا ئىدى، چوقۇم ياردەمگە كېلەتتى.»

ئەمدىلىكتە بولسا ئۇ دۇنيانىڭ شەرقىي ھەلەب كوچىلىرىدا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىغا، لېكىن بۇ قىرغىنچلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قولىنى قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆزىنىڭ تولىمۇ «ساددا»ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان چېغىمدا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ئاپتۇبۇسلار گاھ ھەلەبكە كىرىپ چىقىسا، گاھ توسۇپ قېلىناتتى،ھەتتا ھۇجۇمغا ئۇچراپ چارىسىزلىككە مەھكۇم قىلىنىۋاتاتتى. لېكىن شۇ مەسىلە تولىمۇ ئېنىقتۇر: ھەلەب قىرغىنچىلىقىمۇ ئوخشاشلا يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى، سىرېبرېنىتسا ۋە رىۋاندا قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش تارىخ سەھىپىسىگە يېزىپ قالدۇرۇلىدۇ.

بىر يىل ئىلگىرى جەسىتى تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى ساھىللىرىدىن تېپىلغان سۈرىيەلىك نارىسىدە ئايھان كۇردىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشى دۇنيا مىقىياسىدا كەڭ خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدىكى دۇنيا بايلىرىنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ۋە سۈرىيەدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مىڭلارچە كىشىنىڭ ئازاپ-ئوقۇبىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقلىرىغا ئاز بولسىمۇ ئۈمىد پەيدا بولغانىدى. ئوخشاشلا، يەنە بىر سۈرىيەلىك نارىسىدە ئومران داقۇشنىڭ قانغا بويالغان يۈزى ۋە كۈللەر ئىچىدىكى بەدىنى شەرقىي ھەلەبتە سەھىيە خادىملىرى تەرىپىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئېلىنغان چاغدىكى ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى، بۇ ۋاقتىدىمۇ بەزى ئۈمىدلەر يالقۇنجىغانىدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھېسداشلىق ۋە رەھىم-شەپقەتنىڭ ئۆمرى زامانىۋى جەمئىيەتلەردە تولىمۇ قىسقا بولىدۇ. ئوخشاشلا دۆلەتلەرمۇ مۇشۇلاردىن قېلىشمىغانلىقتىن، ئادەم سانىنىڭ ئازلىقى ياكى تاش يۈرەكلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى رەھىمسىز ھالغا كېلىپ قېلىشتى.

يۇقىرقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، بىر كىشىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئىپادىلىنىدىغان ھەرقانداق فوتو-سۈرەت، ۋدىئو ياكى دەلىل-ئىسپاتلار دۇنيانى توغرىنى قىلىشقا يېتەكلەشتە يېتەرلىك بولمايدىكەن. شۇڭا بىز بىر تەرەپتىن قورقۇنچ ئۇرۇشنىڭ ئەخلاقىي ۋە پىسخىكىلىق بەدىلىنى ئۆتەشكە تىرىشساق، يەنە بىر تەرەپتىن رىئال-سىياسەتنىڭ ئاچچىق نەتىجىلىرىنى يېڭىشقا مەجبۇرمىز.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىم تەييارلاپ چىقتى، بۇمۇ ئۇزۇن سۆھبەتلەردىن كېيىن ھاسىل بولدى. ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشتىكى مەقسەت، ئەسەد ھاكىمىيىنىڭ قاتتىق بومباردىمانلىرى ئاستىدا قالغان شەرقىي ھەلەب خەلقىنى تۈركىيەگەنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان ئىدلىبقا ئوخشاش بىخەتەر رايونلىرىغا يۆتكەش ئىدى. ھازىرغىچە 40مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەلەبتىن تارقاقلاشتۇرۇلدى، يەنە مىڭلارچە كىشى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقتىن، تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. خەلقئارا قىزىل كىرىست كومىتېتى، تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسى، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى، ئىنسانىي ياردەم ۋەقپىسى قاتارلىق ئورۇن ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىدلىبكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەلەبلىك مۇساپىرلارغا ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كىچەك ۋە دورا-دەرمەك بولۇپ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە.

بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ناھايىتى سەزگۈر ۋە خەتەرلىك ھالەتتە تۇرماقتا. چۈنكى رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن مۇرەككەپ ۋە سەزگۈردۇر. شەرقىي ھەلەبتە قولغا كەلتۈرگەن غەلبىلىرىدىن جاسارەتلەنگەن ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەر ئۆكتىچىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشنىڭ كويىغا كىرىشى مۇمكىن، ئۇلار جىم تۇرماي ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغان،ھەتتا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ھالقىلىق ۋە سەزگۈر پەيتتىمۇ، ئۇرۇش توختىتىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىشى مۇمكىن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەلەبتە قېلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا ئۆلۈم ۋە زۇلۇم كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېتنى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولسا ھەلەبتە يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ۋە تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەر ئالدىدا پاسسىپ ۋە ئاجىز تۇرماقتا. نۆۋەتتە قارارلىرى ۋە باياناتلىرى بىلەن دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكلەرگە توسالغۇ بولالمىغان ياكى ئېچىنىشلىق ۋە تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەرنى بېسىقتۇرالماي كېلىۋاتقان خەلقئارالىق بۇ ئورگاندىن ھېچكىممۇ ئارتۇق ئۈمىد كۈتمەيدۇ. ئۆزىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا ۋەكىللىك قىلمىز،دەپ جار سېلىپ يۈرگەن بۇ ئورگاندىن ئۈمىد كۈتىدىغانلارمۇ بار ئەلۋەتتە. لېكىن ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ھەلەب خەلقى مۇشۇ ئاز بولغان ئۈمىدتىنمۇ نېسىپ بولالمايۋاتىدۇ.

ناۋادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئىنساپ قىلىپ ھەلەبتە ۋەزىيەتنىڭ مۇشۇنداق مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىگە قىزىقىپ قالسا، چوقۇم يېقىن ئۆتمۈشكە قاراپ چىقىشى كېرەك ۋە بۇ ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن 2012-يىلدىن بۇيان زادى نېمىلەرنى قىلغانلىقىلىرى ئۈستىدە ئەستايىل ئويلىنىپ بېقىشىلىرى لازىم. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇلار ھېچ ئىش قىلغىنى يوق.

تۈركىيە سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئاراغا كۆپ قېتىم چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جىم تۇرۇۋالدى. ئوباما ھاكىمىيىتى سۈرىيەدە خىمىيىۋى قوراللار ۋە باشقا ئۇرۇش ۋاستىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە كۆز يۇمدى.  ئوباما ھېچ بولمىغاندا، باشقىلارنى ئەيىبلەش ۋە ئۆزى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇشنىڭ ئورنىغا ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرىنى ئازايتىپ، سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىيالايتتى. كىشىنى ئېچىندۈرىدىغىنى بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ «دىپلوماتىيە»سى،  ھەلەب بىلەن سۈرىيەنىڭ كىچىك بالىلارنى ۋە ئاياللارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىرمۇ ئەمەلىي ئىش قىلماي، ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋاقىتتىن ئۇتۇشىغا ۋە ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە بۇراشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى بولغان دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسىنى قوللاش سىياسىتى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خوررىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈۋېتىش بىلەن بىرگە، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغىمۇ سەۋەب بولدى.

ئىككى يىل بۇرۇن يەنى 2014-يىلى 18-نويابىردا مۇنۇ ماقالەنى يازغانىغانىدىم: «سۈرىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان ھەلەب ھامان بىر كۈن ئەسەدنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ، بۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسىدۇر. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار دائېش بازىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلسا، ئەسەد قىسىملىرى ھەلەبكە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۆتكەن ئايدا ئەسەد قىسىملىرى ھەلەبكە تېخمۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى،  ھەلەبنى ھەم قۇرۇلۇقتىن ھەم ھاۋادىن كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ۋە نىسبەتەن غەلىبىگە ئېرىشتى، نەتىجىدە سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچىلار شىمالغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدى. ھەلەبنىڭ تولۇق قولدىن كېتىپ تارىخقا قارا داغ چۈشۈپ قېلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك، ئەگەر ھەلەب قولدىن كەتسە، سۈرىيەلىكلەرنىڭ كېلەچىلىكى ئۈچۈن كۈتۈلگەن ئۈمىد سۇغا چىلىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر