فىرانسىيە سىياسەتچىلىرى جامە ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا سۈكۈت قىلماقتا

فىرانسىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ جامە ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلىننغان ھۇجۇملارغا پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكلىرى ئالاھىدە دىققەت تارتماقتا.

636510
فىرانسىيە سىياسەتچىلىرى جامە ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا سۈكۈت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە يېقىنقى كۈنلەردە جامەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ سانىدا كۆرىنەرلىك ئېشىش كۆرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، فىرانسىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.

ئۆتكەن ھەپتە فىرانسىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان چاتېئو تېررىي ناھىيەسىدىكى بىر جامەنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغان سىياسەتچىلەرنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ئۈستىدە توختالغان مۇتەخەسىسلەر، مۇسۇلمانلار بىلەن جامەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ مېدىيا تەرىپىدىن «نورماللاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى»، سىياسەتچىلەرنىڭ بۇ ھۇجۇملارغا پوزىتسىيە بىلدۈرمەي كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.  

ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى كۆزىتىش مەركىزى دوكلاتچىسى كەۋسەر دىلەك، فىرانسىيەدە سىياسەتچىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ كېلىشىگە سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭمۇ چوقۇم ئەيىبلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسىگە قارشى كۈرەش قىلىش جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مارۋان مۇھەممەدمۇ جامەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ «ئىراقچىلىق»دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن سىياسەتچىلەر بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۆتكەن ھەپتە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن بىر جامەنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىش ۋەقەسى فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدا ئاز خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ۋەقەنى پەقەتلا ئىككى سىياسەتچى ئەيىبلەپ بايانات بەرگەنىدى. پىرېزىدېنتلىققا نامزاتلىقىنى ئېلان قىلغان ئېممائۇل ماكرون Twitter ئادرىسىدىن بۇ ۋەقە توغرۇلۇق «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر تارقاتتى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىرۇنو لې روكىسمۇ ۋەقە توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىدا،بۇ ۋەقەنى يېنىك ئۇسلۇب بىلەن ئەيىبلەپ قويۇش بىلەنلا كۇپايە قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىبادەتخانىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا پۇقرالارغا كاپالەت بەرگەنلىكلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، فىرانسىيە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسىگە قارشى كۈرەش  قىلىش جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2015-يىلى يانۋاردىن بۇيان ئايدا ئوتتۇرىچە 3 بولۇپ جەمئىي 60 جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر