خىتايدا بىر كىشىدە قۇش زۇكۇمى بايقالدى

خىتايدا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن كېيىن جەنۇبتىكى فۇجىەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق شيامېن شەھىرىدىكى بىر كىشىدىمۇ قۇش زۇكۇمى بايقالدى.

635897
خىتايدا بىر كىشىدە قۇش زۇكۇمى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شيامېن شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول مەركىزى يەكشەنبە كۈنى بىر كىشىدە H7N9 ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى، بىمارنىڭ ئەھۋالىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەرلىك ھۆكۈمەت ۋىرۇس ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن كەڭ تارقىلىش خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە شەھەردىكى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر