ئەنگلىيە گېزىتىنىڭ باش ئەلچى سۇيىقەستچىسى توغرىسىدىكى خەۋىرى نارازىلىق پەيدا قىلدى

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «Daily Mail» گېزىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈرگەن ھۇجۇمچى مەرد مەۋلۈت ئالتىنتاشنىڭ كىيىمىگە ئالاقىدار تۋىتتېر ئۇچۇرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

635123
ئەنگلىيە گېزىتىنىڭ باش ئەلچى سۇيىقەستچىسى توغرىسىدىكى خەۋىرى نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى خادىمى ئالتىنتاشنىڭ كىيىمى ھەققىدە «رۇس باش ئەلچى، شىم – كاستىيوم كىيىپ گالستۇك تاقىغان، كىيىم – كېچىكى جايىدا بىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلدى» دەپ تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقاتقان  «Daily Mail» نىڭ ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

گېزىتنىڭ ئۇچۇرىغا تۋىتتېر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان بىر ئوقۇرمەن، «يەنى، ئەمدىلىكتە بىرلىرى ئۆلتۈرۈلگەندە تېررورچىلارنىڭ نېمە كىيگەنلىكىگە قارامدۇق» دېسە، يەنە بىر ئوقۇرمەن، «چۈنكى، بىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگىنىمدە، سۇيىقەستچىدىن <كىم لايىھەلىگەن كىيىمنى كىيىسەن> دەپ سوراشنى خالايمەن» دەپ يازدى.

«Daily Mail» نىڭ يۈز بەرگەن ۋەقەگە «خاتا» نۇقتىدىن قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئىجتىمائىي مېدىيا قوللانغۇچىسى، «شىم – كاستىيومنىڭ باھاسىنى بىلەلىدىڭلارمۇ؟ ياكى بۇنچىلىك ئۇرۇق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئۇزۇقلىنىدىغانلىقىنى؟» دېگەن سوئاللارنى سورىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر