ھەلەبكە بارماقچى بولغان بىر خىتاي سەيياھ چېگرادىن قايتۇرىۋېتىلدى

خىتاي سەيياھنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە موتوسىكلىت بىلەن ئۆزى يالغۇز ھەلەبنى ساياھەت قىلماقچى بولۇشى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى.

634994
ھەلەبكە بارماقچى بولغان بىر خىتاي سەيياھ چېگرادىن قايتۇرىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىن كېلىپ، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە بارماقچى بۇلغان چەن لىياڭ چۇەن ئىسىملىك بىر خىتاي سەيياھ ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى جىلۋەگۆزى چېگرا ئېغىزىدىن قايتۇرۇۋېتىلدى.

موتوسىكلىت بىلەن ئۆزى يالغۇز كەلگەن ۋە ھەلەبنى ساياھەت قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چەن لىياڭ چۇەن، ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى ئىنساپەرۋرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى «İHH»نىڭ «ھەلەبكە يول ئېچىڭلار!» سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە رەيھانلىدا توپلانغان خەلق ئاممىسىنىڭ نۆۋەت تۇتۇۋاتقان جايلىرىنى بىر قانچە كۈن ئايلانغاندىن كېيىن، جىلۋەگۆزى چېگرا ئېغىزىدا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇپ قىلىندى. 

چەن لىياڭ چۇەن ھەلەبنى ساياھەت قىلمىسا زادى بولمايدىغانلىقى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

ساقچىلارنىڭ ھەلەبكە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش جەريانىدا ئىنگلىزچىنى ئانچە ياخشى سۆزلىيەلمىگەنلىكتىن «No smoking» يەنى «تاماكا چېكىش چەكلىنىدۇ» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى ئەتراپتىكىلەرنى بولۇشىغا كۈلدۈرۈۋەتتى.

ساقچىلار ئاخىرى تەرجىماننىڭ ياردىمى بىلەن خىتاي سايياھقا ھەلەبكە چەت ئەللىكلەرنىڭ بېرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

 ئۇرۇش مەزگىلىدە موتوسىكلىت بىلەن ئۆزى يالغۇز ھەلەبنى ساياھەت قىلماقچى بولغان خىتاي سەيياھ رۇخسەت بېرىلمىگەندىن كېيىن، ئامالسىز رەيھانلىدىن قايتىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر