چاۋۇشئوغلۇ موسكۋا يىغىنىدىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ موسكۋادا چاقىرىلغان تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى.

634552
چاۋۇشئوغلۇ موسكۋا يىغىنىدىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە ئىزدەش مەقسىتىدە موسكۋادا چاقىرىلغان  تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران  ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف قاتناشتى.

چاۋۇشئوغلۇ يىغىندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، «يىغىندا پۈتكۈل سۈرىيەدە ئومومىيۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. سۈرىيە كىرىزىسىنى پەقەت سىياسىي يوللار ئارقىلىقلا ھەل قىلىش مۇمكىن. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ پۈتكۈل سۈرىيە مىقياسىدا ئومومىيۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر