سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىنىڭ «قانۇنى»غا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل-جۇبەيىر ئامېرىكىنىڭ «قانۇنى»غا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

633498
سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىنىڭ «قانۇنى»غا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل-جۇبەيىر، ئامېرىكا قوشما ئىشاتلىرىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا يول ئېچىپ بېرىدىغان قانۇننى تەنقىد قىلدى.

جۇبەيىر مەزكۇر قانۇننىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن مىنىستىر جۇبەيىر، مەكۇر قانۇننىڭ ئەمەلىيلىشىشى بىلەن دۇنيانىڭ ئورمانلىقلاردىكى «ھايۋاناتلارنىڭ قانۇنى»غا ئاساسەن باشقۇرۇلۇشى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا مەجلىسىدىن مەزكۇر قانۇننى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دەرۋەقە بۇ قانۇن باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئامېرىكىغا بەكرەك خەتەر ۋە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.»

بۇ قانۇننىڭ «توغرا»بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باراك ئوباما باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا  ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قانۇن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن كېررىي، 11-سېنتەبىر قۇربانلىرىنىڭ زىيانلىرىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلماستىن تولدۇرۇپ بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈستىدىن ئەرز قىلىش يولىنى ئېچىپ بەرگەن قانۇن لايىھەسى، ئالىي پالاتا ۋە ئاۋام پالاتادا بۇ يىل 28-سېنتەبىردە ماقۇللىنىپ قانۇنلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر